دۇنيادىكى ئەڭ يېيىشلىك ئۇششاق يېمەكلىكلەر
بەلكىم سىز تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قەلب يارىسىنى ساقايتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. سۈپسۈزۈك پۇددىڭنىڭ (يېمەكلىك) ئوتتۇرىسىغا ھالرەڭلىك نورۇز چېچىكى ياپرىقى يېيىتىلغان. رەڭدار كۆرۈنۈش ئادەمنى مەپتۇن قىلىپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئۆزگىچە يېيىشلىكلىكى بىلەن كىشىلەرگە كۆرۈش ۋە تەم سەزگۈسىدە ئوخشاشلا گۈزەل تەسىر بېرىپ، كىشىلەرنى ئامالسىز قالدۇرىدۇ.
نورۇز گۈلى مېۋە ئۇيۇتمىسى پۇددىڭى.
نورۇز گۈلى دەرىخى ئاستىدا بېزەلگەن نەپىس مېۋە ئۇيۇتمىسى، نورۇز گۈلى ياپرىقىدا بەئەينى چۈش كەبى مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئەنجۈر قېقى، بازارلاردا سېتىۋالالايدىغان ئەنجۈر قېقى سۇس سېرىق رەڭلىك بولۇپ، ئۇنى قاينىتىپ ئىچكەندە، ئىسسقنى قايتۇرۇپ، زەھەرنى تازىلاپ، بەلغەم بوشىتىدۇ.
ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تەبىئي قارا ئەنجۈر قېقى.
ئەنجۈردە مول ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بولۇپ، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدۇ.
ماككارۇن يەنە فىرانسىيە توقىچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاقسىل، ئۆرۈك مېغىزى تالقىنى، ئاق شېكەر ۋە شېكەر مەلھىمىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئارىسىغا مېۋە مۇرابباسى ياكى سارماي قىستۇرۇلىدىغان فىرانسىيەچە تاتلىق يېمەكلىك.
فىرانسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ماككارۇن.
ئىنتايىن تەملىك بولۇپ، سىرتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭدار، نەپىس ۋە ئەپچىل.
تىرامىسۇ، قەھۋە ھاراق تەملىك ئىتالىيە تاتلىق يېمەكلىكى. ماسكا كۈنجۈرتى ئاساسىي خام ماتېرىيال قىلىنىدىغان ئەنئەنىۋى تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بۇلۇت تورتى. قەھۋە، كاكائو تالقىنى قاتارلىق باشقا ئېلېمېنتلارنى قوشۇپ ياسىلىدۇ.
رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تىرامىسۇ قەۋەت تورتى.
بۇنى يېسىڭىز، ھەم تاتلىق ھەم سېلىق ھەم پۇراقلىق تۇيغۇغا كېلىسىز.
ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تايلاندتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان دۇريان (榴莲) ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئىنچىكلىك بىلەن تاللاپ، خەلقئارادىكى ئىلغار نۆلدىن تۆۋەن 45 سېلىسىيە گىرادۇسلۇق جىددىي توڭلىتىش سىستېمىسىدا دەقىقە ئىچىدە توڭلىتىپ، ۋاكۇئۇملۇق قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئوراپ-قاچىلايدۇ.
تايلاندتىن ئىمپورت قىلىنغان دۇريان قېقى.
دۇريان قېقى دۇرياننىڭ قۇرۇتۇلغان ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە ئىسسىق بەلۋاغ مېۋە شاھى دېگەن نامى بار، ئۆزگىچە تەمى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.