يېمەك-ئىچمەك

ئاشقازان قۇۋۋەتلەي دېسىڭىز بۇ مېۋىلەرنى يەڭ

ئەتىياز پەسلى كۈتۈنۈشكە ماس كېلىدۇ، ئەتىيازدا ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خىزمىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئەتىيازدا بىز ئاددىي يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. ئۇنداقتا ئەتىيازدا قانداق مېۋە يېسە ياخشى بولىدۇ؟ زادى قايسى مېۋىلەرنى يېسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەشكە ماس كېلىدۇ؟ تۆۋەندە بىز بىللە كۆرۈپ باقايلى.

ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان مېۋىلەر:

1. كۇلى بېھېسى

ئاشقازان قۇۋۋەتلەي دېسىڭىز بۇ مېۋىلەرنى يەڭ

كۇلى بېھېسى تەركىبىدە كۇلى بېھېسى ئېنزىمى بولۇپ، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ۋە ئاشقازان ياللۇغىنى پەسەيتىدۇ، كۇلى بېھېسى تالنى ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدىغان، ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدىغان ياخشى يېمەكلىك. كۇلى بېھېسى سەل سوغۇق، ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازىنى سوغۇق ئىلىپ، تېنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا ئىچى سۈرۈش يۈز بېرىدۇ. يېمەكلىك كۇلى بېھېسى كۆپىنچە جەنۇبتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۇلى بېھېسى بولۇپ، خام يېگىلى بولىدۇ، كۆكتات قاتارىدا گۆش تۈرلىرى بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

2. ئالما

ئاشقازان قۇۋۋەتلەي دېسىڭىز بۇ مېۋىلەرنى يەڭ

ئالمىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، تال زەئىپلىشىپ، يېمەكلىك ئاز بولۇش، ئاشقازان مۇئەننەسلىكى زەئىپلىشىش، مۇئەننەسلىك ئاجىزلاپ ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ. پىشۇرۇلغان ئالما ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئالمىنى پىشۇرۇپ يېگەندە بىر قىسىم ۋىتامىنلار يوقاپ كەتكەندىن سىرت، ئالمىنىڭ كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. پىشۇرغان ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرەلەيدۇ.

3. گىلاس

ئاشقازان قۇۋۋەتلەي دېسىڭىز بۇ مېۋىلەرنى يەڭ

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، گىلاسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، ئاپېلسىن، نەشپۈت ۋە ئالمىنىڭ 20 ھەسسىسىدىن ئېشىپ، مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. گىلاسنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، سەل چۈچۈمەل بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە.

4. مانگو

ئاشقازان قۇۋۋەتلەي دېسىڭىز بۇ مېۋىلەرنى يەڭ

سېرىق رەڭلىك مېۋىلەر تەركىبىدىكى كاروتىن بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى ئوكسىدلىنىشقا قارشى فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان مېۋىلەر ئىچىدە، سېرىق رەڭلىك مېۋىلەرنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولى بار. مانگو تۇرمۇشىمىزدا بىرقەدەر تونۇش بولغان بىر خىل مېۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ «ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى شاھى» دېگەن نامى بار. ماڭگونىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەشكە پايدىلىق، لېكىن بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، كۆپ يېسە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشكە پايدىسىز بولۇپ، ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ئىستېمال قىلغاندا چوقۇم مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك.

ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئۇسۇلى

1. ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتى قەرەلىدە يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر ۋاقلىق تاماقتا يەتتە ئۆلۈش تويۇنۇشنى ئاساس قىلىش، بىرلا قېتىمدا بەك كۆپ تويۇنۇپ يەۋالماسلىق كېرەك. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. بولمىسا ئاشقازان خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەگەر ئورۇقلاش ئۈچۈن ئاچلىققا چىدىسا، ئاشقازاننى زەخىملەندۈرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسانلا ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يېمەكلىك قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. بەك ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىلغان گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئىچىدە مىكرو ئېلېمېنتلار، ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا ئورگانىزمنىڭ ئوزۇقلۇقى ناچارلىشىپ، ھەر خىل ئىقتىدارلارنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تاماقتا ئەڭ ياخشىسى گۆشلۈك، گۆشسىز، يىرىك، ئىنچىكە ئاشلىقنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

3. تاماكا تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇش كېرەك. تاماكا چېكىش ئاشقازاندىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، ئاشقازاننىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشقازان سويۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. كۆپ مىقداردا كۈچلۈك ھاراق ئىچسە، ئاشقازاننى بىۋاسىتە بۇزۇپ، ئاشقازانغا قان تولۇش، شەلۋەرەش، ھەتتا قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى