يېمەك-ئىچمەك

سۈتكە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

ئۇزۇن مۇددەت سۈتكە ھەسەل قوشۇپ ئىچىشنىڭ بىرەر زىيانلىق تەرىپى بارمۇ؟ سۈتكە ھەسەل قوشسا بولامدۇ؟

سۈت تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ساغلاملىق ئىچىملىكى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەتىگەنلىك تاماقتا سۈت ئىچىش ئادىتى بار، ھەسەل تەمى تاتلىق، شۇنداقلا كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك، بەزىلەر سۈت ئىچكەندە ھەسەل سېلىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سۈتكە ھەسەل قوشسا بولامدۇ؟ ئۇزۇن مۇددەت سۈتكە ھەسەل قوشۇپ ئىچىشنىڭ زىيانلىق تەرىپى بارمۇ؟

سۈتكە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

سۈت بىلەن ھەسەلنىڭ ھەممىسى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، سۈتتە مول ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، سۈت ئاقسىلىدا يەنە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، ھەسەلنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، مىنېرال ماددا، ئاكتىپ ئېنزىم ۋە ۋىتامىن قاتارلىق 180 نەچچە خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار، بۇنىڭدىن ھەسەل ۋە سۈتتىكى تەركىبلەرنىڭ بەدەنگە پايدىلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، سۈتكە ھەسەل قوشسا بولىدۇ، ھەسەل قوشۇلغان سۈتنى ئۇزاق مۇددەت ئىچسىمۇ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئەكسىچە يەنە نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار.

سۈتكە ھەسەل قوشۇلسا بۇ ئىككىسىدىكى ئوزۇقلۇقنى تەڭ تولۇقلىغىلى بولىدۇ، سۈت تەركىبىدىكى كالىي، فوسفور، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ، تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تولۇقلايدۇ، ئوخشاشلا ھەسەلنىڭ كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىمۇ بەدەن ئاسانلا سۈمۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، يەنە بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۆسۈپ-يېتىلىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرگە ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ.

ئەگەر سىزدە ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىلمان سۈت ئىچىپ بەرسىڭىز ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز، بۇنىڭغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ چوڭ مېڭىگە قارىتا تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ تېز ئۇيقۇغا كىرىشتۈرىدۇ ھەم ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

سۈتكە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى