ھەسەل سۈيىنى توغرا ۋاقىتتا ئىچتىڭىزمۇ؟
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاياللار ھەسەل سۈيى ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى سەھەر تۇرۇپ يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئاچ قورساق ھالەتتە بولىدىكەن. بىر قوشۇق ھەسەلنى بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇغا قويۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەر ھەيدەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىككىنچىدىن، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان ھەسەل سۈيى ئىچىش چارچاشنى پەسەيتىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.
يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەسەل سۈيىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قايناقسۇ بىلەن تەڭشەشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ℃ 60 تىن تۆۋەن ئىلمان سۇ ياكى سوغۇق سۇ بىلەن تەڭشەش كېرەك.
بەزى خەۋەرلەردە ئاياللار ھەسەل سۈيى ئىچسە ئەكس تەسىرى بار دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە، ئاياللار ھەسەل سۈيى ئىچسە ھېچقانداق ئەكس تەسىرى بولمايدۇ، پەقەت مۇۋاپىق كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەسەل سۈيىنى قانداق ئىچىش ئەڭ مۇھىم ھالقا. ئاياللار ھەسەل سۈيى ئىچكەندىن كېيىن، بەدەننىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىغا كېرەكلىك ئېنېرگىيەنى تولۇقلاپلا قالماي، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپچىلىك پەقەت ھەسەل سۈيى ئىچكەندە مىقدارىنى كونترول قىلىش ۋە ئىچىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش ئەڭ مۇھىم.
ئاياللار ھەسەل سۈيى ئىچىش مىقدارىنىمۇ مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك، بۇ قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. ھەسەل بىر خىل يۇقىرى قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك بولغاچقا، كۈندىلىك مىقدارى 50 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر ھەر بىر ئىستاكان سۇغا 20 گىرام ئەتراپىدا ھەسەل قوشۇلسا، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان ئىچسە بولىدۇ. بولمىسا، كۆپ مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ياخشى سۈمۈرۈلمەيدۇ، ئەكسىچە بەدەننىڭ مەلۇم ئەزالىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.