ساغلاملىق

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

كېچىچە ئۇخلىماي تۈنەش ھازىرقى زامان كىشىلىرىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كېچىچە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتاتتى. تەن ساغلاملىقى بىلەن قانۇنىيەتلىك، نورمال ئارام ئېلىش ئادىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قانۇنىيەتسىز، بىنورمال تۇرمۇش ئادىتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

جۇڭيى تىبابىتى نەزىرىيىسىدە كېچىچە ئۇخلىماي تۈنەش تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ئادەت دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تۈنىگەندە بەدەندىكى ئورگانىزىملارنىڭ فۇنكىسىيىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا، كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار؟

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

  1. ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت كېچىسى ئۇخلىماي تۈنىگەندە بەدەندىكى ئورگانىزىملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ شۇنداقلا ناھايىتى ئاسانلا چارچايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەندىكى ئىممۇنىتېت فاكتورى ئەڭ ئاكتىپ ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت كېچىسى ئۇخلىماي تۈنىگەندە بەدەندىكى ئىممۇنىتېت فاكتورىنىڭ فۇنكىسىيىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ-دە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بەدەن ئاسانلا روھسىزلىنىدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان شۇنداقلا جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

2.باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، ئىككىنچى كۈنىدىكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بىز ئۇزۇن مەزگىل كېچىسى تۈزۈك ئۇخلىمىساق ناھايىتى ئاسانلا بېشىمىز ئاغرىپ، دىققىتىمىزنى يىغالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، دائىم باش ئاغرىغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

3.تېرە قۇرغاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىل كېچىسى تۈزۈك ئۇخلىمىغاندا جىگەر ۋە ئۆت قاتارلىق ئەزالارنىڭ نورمال خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ كېتىش، يۈز تېرىسى سارغىيىپ كېتىش، تېرە بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كېتىشتەك تېرە مەسلىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەيدىغان ئادەت قانچىكى ئېغىر بولسا، تېرە شۇنچە ناچارلىشىپ، قارا داغ-سەپكۈن چىقىدىغان ياكى دانىخورەك چىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كېچىسى ئۇخلىمىغاندا بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نېرۋىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ شۇنداقلا ۋاستىلىك تۈردە تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

4.پەرزەنتلىك بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پەرزەنتلىك بولۇش يېشىدا تۇرۇۋاتقان ياشلار ئۇزۇن مۇددەت كېچىسى ئۇخلىماي تۈنىگەندە بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ تۇغماسلىق قاتارلىق مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر ئەتراپىمىزدا تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر نورمال ئۇسۇلدا پەرزەنتلىك بولالمىغاچقا ئامالسىز پىروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن ياردەم سورايدىغان بولۇپ قېلىۋاتماقتا، بۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئارام ئېلىش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

5.يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت كېچىسى ئۇخلىماي تۈنىگەندە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەردە كېچىسى ئۇخلىماي يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

6.ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەردە كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەپ چىققاندىن كېيىن ئەتىسى روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ، خۇددى مېڭىسى تورمۇزلىنىپ قالغاندەك تەسىرات پەيدا بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسى كۈندۈزى ناھايىتى ئاكتىپ ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت كېچىسى ئۇخلىمىغاندا سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ-دە، كۈندۈزى ئاسانلا ھېرىپ-چارچايدىغان شۇنداقلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەشنىڭ يەتتە تۈرلۈك زىيىنى

7.جىگەر قاتارلىق ئەزالار زىيانغا ئۇچرايدۇ.

جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى توكسېن ھەيدەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، ناۋادا جىگەر زىيانغا ئۇچرىسا، بەدەندىكى نورمال قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، جىگەر ھۈجەيرىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ-دە، جىگەرنىڭ توكسېن ھەيدەش فۇنكىسىيىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كېچىسى ئۇخلىماسلىق ناھايىتى ناچار ئادەت بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ناھايىتى ئېغىر، كېچىسى ئۇخلىماسلىق روھىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاسانلا ھېرىپ-چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىسى ئۇخلىماسلىق ئادىتى ئېغىر بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭلاشقا، تېنىمىزنى ساغلام بولسۇن دەيدىكەنمىز، نورمال ھەم قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىشتەك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. ناۋادا كېچىسى سېمىنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان خىزمەت بولسا، كۈندۈزى چوقۇم يېتەرلىك ئۇخلاپ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلىنىش ۋە چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى