ساغلاملىق

چىش يۇيغۇزۇش چىشقا زىيانلىقمۇ؟

چىش يۇيغۇزۇش چىشقا زىيانلىقمۇ؟

ئۆسەك سۆزلەر

چىش يۇيغۇزغاندىن كېيىن چىش ئارىچى چوڭىيىپ، چىش بوشاپ كېتىدۇ، سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ قايناق سۇ ئىچسىمۇ ئادەمنى بىئارام بولىدۇ، شۇڭا چىش يۇيغۇزۇش چىشقا زىيانلىق.

ھەقىقىي ئەھۋال

چىش يۇيغۇزۇشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ چىشنى ئاقارتىش بولماستىن، بەلكى، چىشتىكى باكتېرىيە، پىگمېنت قاتارلىقلارنى تازىلاشتۇر. چىش يۇيغۇزۇش ئارقىلىق چىشتا ئۇيۇپ قالغان تاشنى تازىلىۋەتكەندە، چىش يىلتىزى قايتىدىن كۆرۈنۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ مەيلى سوغۇق ياكى قىزىق سۇ ئىچسىمۇ چىش قامىغاندەك ھېس قىلىدۇ. چىش ئارىچى چوڭىيىپ كېتىش، چىش بوشاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار شۇ كىشىنىڭ چىشىدا ئەسلىدىلا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم، چىش مىلىكى يىگىلەشكە باشلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئەھۋاللار چىش يۇيدۇرۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان دېيىش توغرا ئەمەس.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى