يېمەك-ئىچمەك

گۆش يېيىشنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغانلار دىققەت! گۆشنىڭ مۇنداق زىيىنى بار

گۆش يېيىشنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغانلار دىققەت! گۆشنىڭ مۇنداق زىيىنى بار

گۆش توققۇز خىل كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 50 ياشتىن 71 ياشقىچە بولغان 536 مىڭ ئادەمنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە ساغلاملىقىنى 16 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «گۆشنى كۆپ يېيىش توققۇز خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ، يەنى بەك ئاز گۆش يەيدىغانلارغا قارىغاندا، كۈندە 134 گىرامدىن كۆپ گۆش يەيدىغانلارنىڭ ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %26 يۇقىرى بولىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «گۆشنى كۆپ يېيىش راك، يۈرەك، نەپەس يولى، سەكتە، دىيابېت، ئالزېيمېر، بۆرەك ۋە جىگەر كېسىلى، يەنە يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار توققۇز كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ؛ بىراق توخو گۆشى ۋە بېلىقنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار، يەنى توخو گۆشى ۋە بېلىق (پىششىقلانمىغان) يەپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە بىلەن يۇقىرىقى كېسەللىكلەر پەيدا قىلغان ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئارىسىدا تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋت شەكىللىنىدىكەن».

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى