ساغلاملىق

دانىخورەكتىن قالغان ئىزنى قانداق قىلىش كېرەك؟

تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم بەزىلەرنىڭ: «دوختۇر، يۈزۈمدە نۇرغۇن دانىخورەكتىن قالغان ئىز، چوقۇر بار، قانداق قىلسام بولار؟» دەپ سورىغىنىنى ئاڭلايمىز، ياشلىق ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ياشلىق مەزگىلىدە چىققان دانىخورەكتىن قالغان ئىزلارنىڭ يوقىمىغانلىقى نۇرغۇن دوستلارنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا.

 گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى ما ۋەنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دانىخورەكتىن قالغان كۆپ قىسىم ئىز، چوقۇرلار قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپلا دانىخورەكنى سىقىۋېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا دانىخورەك چىقسا چوقۇم قولنى ياخشى باشقۇرۇش، ھەم دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرسىتىش، ئۆلچەملىك داۋالىنىش كېرەك.

دانىخورەك ساقايغاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن ئىز ياكى چوقۇر قالىدۇ؟

گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ليۇ مىنيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، دانىخورەكتىن قالغان ئىز ۋە چوقۇرنىڭ ھەممىسى دانىخورەككە مۇناسىۋەتلىك تېرە زەخمىسىدۇر. دانىخورەكتىن قالغان ئىز قىزىل ۋە قارا دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، قىزىلى، ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن تېرە زەخمىلىنىپ، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان تولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ، قارىسى كېيىنكى مەزگىلدە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش سەۋەبتىن بولىدۇ. دانىخورەكتىن بولغان چوقۇر ياللۇغ يارىسى ۋە ھەقىقىي تېرە قەۋىتى بىلەن تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى سەۋەبلىك، قىسمەن توقۇلمىلارنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن پەيدا بولىدۇ، ياللۇغنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى، ئېغىرلىق دەرىجىسى، تېرە ياغ بېزى قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟ ليۇ مىنيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دانىخورەكتىن قالغان ئىز، چوقۇر كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش، تېرە ئاسراش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دانىخورەك ئاغرىقلىرىغا ئادەتتە ياغسىز تاماقلارنى يېيىش، تۈنىمەسلىك، ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دانىخورەكنى سىقماسلىق، مۇۋاپىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدىكەن. دانىخورەك چىقىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىشى، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى، دانىخورەك ئىزىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىشى كېرەك ئىكەن.

ئەگەر دانىخورەكتىن ئىز قالسا، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتكە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئامال بار بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاش، بولۇپمۇ سەزگۈر تېرە ئاغرىقلىرىغا ماس كېلىدىغىنىنى تاللاش كېرەك. يۈزنى زىيادە تازىلاشقا بولمايدۇ، تەركىبىدە سوپۇن ئاساسى بولغان يۈز تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، مۆتىدىل ئاجىز كىسلاتالىق ياكى كۆپۈكسىز يۈز تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىش كېرەك.

2. تەركىبىدە ۋىتامىنC، ۋىتامىنE ياكى نىكوتىنامىد، ئازېلات كىسلاتاسى، ئىنوزىد، بابۇنە، چاي دەرىخى مېيى، گىئالۇرونىك كىسلاتا سۇيۇقلۇقى، كوللاگېن ئاقسىلى سۇيۇقلۇقى قاتارلىق دانىخورەك يوقىتىش تەركىبىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

3. كىسلاتالىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى زىيادە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ سەزگۈر تېرە ئاغرىقلىرى سالىتسىلىك كىسلاتانى تاللاپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، مۆتىدىل، تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى مېۋە كىسلاتاسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى