ساغلاملىق

دانىخورەك كۆپ چىقىدىغانلار نېمىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك؟

دانىخورەكنىڭ پەيدا بولۇشى تېرە مېيىنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل يېمەكلىكنى ئاز ئىستېمال قىلغاندا دانىخورەكنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

دائىم دانىخورەك چىقىپ تۇرىدىغان كىشىلەر قايسى خىل يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك؟

دانىخورەك كۆپ چىقىدىغانلار نېمىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك؟

1. يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر

قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر: قەنت-گېزەك، تورت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ۋەكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم تاتلىق قۇرۇق مېۋىلەر، مەسىلەن، مۇراببا، دارچىن قېقى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛

ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر: بۇ گۆشلا ئەمەس، پىلتە قۇيماق، ياغدا پىشۇرۇلغان يەرياڭىقى قاتارلىق گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ؛

دانىخورەك كۆپ چىقىدىغانلار نېمىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك؟

2. سۈت

563 نەپەر سىناققا قاتناشقۇچى (10 ياشتىن 24 ياشقىچە) نىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، سۈت ئىچىش بولۇپمۇ ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچىش دانىخورەك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بىراق، تەتقىقاتتا دانىخورەك بىلەن پىشلاق ياكى قېتىقنىڭ مۇناسىۋىتى بايقالمىغان، ياخشى كۆرىدىغان دوستلار يەنىلا ئىچسە بولىدۇ.

3. ھاراق، قەھۋە، قېنىق چاي قاتارلىقلار

بۇ خىل ئىچىملىكلەر سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ، نېرۋىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېرە يېغىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە چاي بىلەن قەھۋەنىڭ دانىخورەك چىقىرىش تەسىرى نىسبەتەن روشەن بولمايدۇ، ھاراق ئىچكەندە كۆپ ھاللاردا بىر قىسىم مايلىق، ئېغىر تەملىك زاكۇسكىلار بولۇپ، دانىخورەكنى ئەڭ ئاسان پەيدا قىلىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

4. ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەر

گەرچە ئاچچىق نەرسە يېگەندە دانىخورەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن كىلىنىكىدا تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئادەتتە بىمارلارغا ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئاچچىقنى زىيادە كۆپ يېيىش سىزنىڭ گۆش، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىق يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەر خىل ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، تېرە يېغى زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىپ، دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى