ساغلاملىق

دائىم دانىخورەك چىقسا قانداق قىلغاندا ئىز قالدۇرماي يوقاتقىلى بولىدۇ؟

دانىخورەكتىن ئىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دانىخورەكنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك. دانىخورەك ئىزلىرى ئىككى خىل ئامىلدىن، بىرى يۇقۇملىنىش يەنە بىرى كېڭىيىشتىن پەيدا بولىدۇ. ياشلىق دانىخورىكىنىڭ كېڭىيىش كۈچى بولمىغانلىقتىن، باشقا سەۋەبلىرى دەل يۇقۇملىنىشتۇر. شۇڭا، دانىخورەكتىن ئىز قالدۇرماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دانىخورەكنىڭ يۇقۇملىنىپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

دائىم دانىخورەك چىقسا قانداق قىلغاندا ئىز قالدۇرماي يوقاتقىلى بولىدۇ؟

بىر جەھەتتىن تۈپ يىلتىزىنى ئۈزۈش: دانىخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكى ئاجراتمىنى تەڭشەشتىن باشلاش كېرەك. دانىخورەك چىقمىسا ئېنىقلا ئىزمۇ بولمايدۇ. بىراق دانىخورەك چىقىپ بولغان بولسا ئاساسلىقى تازىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دانىخورەكنىڭ يىرىڭدىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دانىخورەك يىرىڭدىغاندا توغرا تەدبىر قوللىنىپ، دانىخورەكنى قالايمىقان سىقماسلىق، بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش دانىخورەك سىقىش ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىك، قولنى يۇيماستىنلا دانىخورەكنى تۇتماسلىق كېرەك. بۇ سەۋەبلەر دانىخورەكنىڭ ئاسانلا يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پەقەت ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىيەلىسىڭىزلا، دانىخورەك يۇقۇملانمىسىلا ئېنىقكى ئىزلىرىمۇ قالمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى