ساغلاملىق

ئەڭ چوڭ قىزىقىشى بالا تۇغۇش بولغان، 11 بالا تۇغقان 31 ياشلىق ئايال

دۇنيادا ئاجايىپ–غارايىپ ئىشلار گەرچە ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇ 31 ياشلىق ئايالنىڭ قىزىقىشى تويدىن، تۇغۇتتىن قورقىدىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن.

سۈرەتتىكى بۇ ئايالنىڭ ئىسمى برىتىنى چارچ.

بالا تۇغسا قانچىلىك ئاغرىيدىغانلىقىنى، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى كۆپچىلىك چۈشىنىشى مۇمكىن.

لېكىن برىتنىنىڭ 31 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قىزىقىشى بالا تۇغۇش.

ئۇ بالا تۇغۇشنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ 16 يېشىدىلا بالا تۇغۇشقا باشلىغان، ھازىر 15 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىرىتىنى 11 بالىلىق بولدى . . .

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ قىزى 15 ياش، ئەڭ كىچىك ئۈچ كېزەك بالىسى ئاران 11 ئايلىق بولغان. بالىلارنىڭ يېشىدىن قارىغاندا، برىتنىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھاياتىدا يېقىنقى 10 يىلى ھامىلدارلىق ئىچىدە ئۆتكەن . . .

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە تۆت بالىلىق بولۇشنى پىلانلىدى . . . يەنى بالىلىرىنىڭ سانىنى 15كە يەتكۈزمەكچى بولدى.

برىتنىينىڭ 11 بالىسى ۋە ئۇلارنىڭ يېشى

بۇنى كۆرۈپ سىز چوقۇم بەك قىزىقىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن، بۇنچە كۆپ بالىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئالىدىغاندۇ؟

11 بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، برىتىنى نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى، ئۇ ھەر ھەپتىدە نەچچە مىڭ خەجلەپ مال سېتىۋالىدۇ، بۇ بەش قاپ سۇلۇ، 66 ساندۇق سۈت ۋە 600 پارچە زاكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرىتىنىنىڭ ئۆيىدە 12 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تاماق يەيدىغان ئالاھىدە بۇيرۇتۇلغان ئۈستەل بار.

ئۈچ كېزەكنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن، ئۇلار ئەسلىدىكى ئاپتوموبىلىنى ئالايىتەن 15 كىشىلىك يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆيىدە جەمئىي بەش ئېغىز ياتاق ئۆيى بار. برېتنېي بۇ ئۈچ كېزەك چوڭ بولغاندىن كېيىن، بالىخانا ۋە يەر ئاستى ئۆينى ھۇجرىغا ئۆزگەرتمەكچى.

برىتىنى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە، دەل ۋاقتىدا 11 بالىسى ئۈچۈن ناشتىلىق تەييارلاشقا باشلايدۇ، ئارقىدىنلا 11 قۇر كىيىم تەييارلايدۇ. 15 كىشىلىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئۇنىڭ كىتاب كۆرىدىغان ۋاقتى چىقىدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئېرى بىلەن بىللە كەچلىك تاماق تەييارلاپ، تازىلىق قىلىدۇ، ئېشىپ قالغان بارلىق ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىدۇ.

تاكى كەچ سائەت توققۇزغىچە بالىلار كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئاندىن تىياتىر كۆرىدىغانغا، ئۇخلايدىغانغا يېتەرلىك ۋاقتى بولىدۇ، ھەر كۈنى مۇشۇنداق ئۆتىدۇ.

نۆۋەتتە برىتىنىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدا 7000دىن ئارتۇق مەستانىسى بار.

ئۇ: «ھەر قېتىم پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر سىرتقا چىققاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بىزگە تىكېلىپ قارايدۇ. دائىم بەزىلەر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى كەچلىك تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى يېزىدىكى بىر چوڭ كۆلچەكنىڭ يېنىغا بىر ئۆي سېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، يولدىشىم بېلىق تۇتۇشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە نەچچە ئەرمەك ھايۋان بېقىۋالماقچى» دېدى.

2004-يىلى برىتىنى 16 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ ئالتە كۈندىن كېيىن ئالدىنقى ئېرىدىن بولغان تۇنجى بالىسىنى تۇغقان بولۇپ، ئىسمى كرىسمان ئىدى، كرىسمان بۇ يىل 15 ياش. كېيىن ئۇلار يەنە 14 ياشلىق جوردان، 13 ياشلىق كالېب، 12 ياشلىق جېس ۋە 10 ياشلىق كاردىنستىن ئىبارەت تۆت بالىلىق بولغان.

لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارماي، 2010-يىلى ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن، برىتىنى ئۈچ يىل «غەم-ئەندىشىسىز» ۋاقىت ئۆتكۈزگەن، 2012 -يىلى 6-بالىسىغا ھامىلدار بولۇپ قالغان، ئۇ بالىسى ھازىر سەككىز ياشقا كىرگەن جېيسىن.

 

2014 -يىلى برىتىنى ھازىرقى ئېرى كىرىسنى ئۇچرىتىپ قالغان.

بىر يىلدىن كېيىنكى 2015-يىلى يازدا، برىتىنى ئىككىسىنىڭ تۇنجى ئوغلى، ھازىر بەش ياشلىق سېراسنى تۇغقان. 2016 –يىلى يەنە ھازىرقى ئۈچ ياشلىق ئوغلى كرىستوفنى تۇغقان. بۇلتۇر 6-ئايدا ئۇلار يەنە ئۈچ كېزەك ئولىۋېر، ئاش ۋە ئابېرلارنى كۈتۈۋالغان.

برىتىنى مۇنداق دەيدۇ: «مەن 6-قېتىم ھامىلدار بولغىنىمدا بەك خىجىل بولغان، چۈنكى مەن ئىزچىل بالىلارنىڭ ئوخشاش بىر دادىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن جېيسىن تۇغۇلغاندا ئۇ شۇنچىلىك قىممەتلىك ۋە گۈزەل بىلىندى. شۇ دەقىقىدە بارلىق خىجالەتچىلىك تۇيغۇم دەرھال يوقالدى. مەن ئەمدى باشقىلارنىڭ پىكىرىگە پەرۋا قىلمايمەن. مەن بۇنداق چوڭ ئائىلىنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ھەر ۋاقىت گەپ قىلىدىغانغا، پاراڭلىشىدىغانغا ئادەم بولىدۇ».

نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى