ساغلاملىق

قانداق قىلغاندا دانىخورەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا دانىخورەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

    يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك
    دانىخورەك چىقىش يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىز-ئاياللار ھەر خىل تاتلىق، مايدا داغلىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بەكرەك ئامراق، بۇ يۇقىرى قەنتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلەر (بولكا، مايدا داغلانغان يېمەكلىكلەر، پىرەنىك، قەنت-گېزەك، تورت، مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى) بەدەندە بىر تۈرلۈك ھورموننىڭ سەۋىيەسىنى ئۆزگەرتىپ دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە غىزالىنىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەي، كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە بەلگىلىك دەرىجىدە دانىخورەكنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا دانىخورەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

    ئىلمىي ئۇسۇلدا يۈز يۇيۇش
    دانىخورەكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇش، يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم قولنى يۇيۇش كېرەك. يۈز تازىلاش مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە يۈزگە سۈرمەستىن بەلكى ئالدى بىلەن ئالقانغا چىقىرىۋېلىپ، كۆپۈكچە چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يۈزگە سۈرۈپ يۇيۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا تېرىنىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يۈزنى تېخىمۇ پاكىز يۇيۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ (سوغۇق سۇ يۈزنى غىدىقلايدىغان بولغاچقا، ئىلمان سۇ بىلەن يۈز يۇيۇش كېرەك).

قانداق قىلغاندا دانىخورەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

    بېسىمنى يېنىكلىتىش
    بېسىم ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، بېسىمىمىزنى يەڭگىللىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئادەتتە، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ بولىدۇ (4 سېكۈنت نەپەس ئېلىپ، ئاندىن 7 سېكۈنت تىنماي تۇرۇپ 8-سېكۈنتتا نەپەسنى چىقىرىمىز). شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەننى غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بەزىدە بەدەندىكى بارلىق فۇنكسىيەلەر ئېھتىيات ھالەتكە ئۆتۈپ، دانىخورەك ئۆرلەپ كېتىدۇ.

قانداق قىلغاندا دانىخورەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

    تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش
    بەدىنىگە دانىخورەك ئۆرلەپ كەتكەنلەر، ئادەتتە تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. چۈنكى سىنىك ئېلېمېنتى مايلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلەيدۇ. دېڭىز بېلىقى (كۆلدە بېقىلغان بېلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، قارا گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سىنىك ئېلېمېنتى ئىنتايىن مول.

قانداق قىلغاندا دانىخورەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

    ۋىتامىن تولۇقلاش
    ۋىتامىن تېرىنى ئاسراپ، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈپ، دانىخورەكنى يوقتىدۇ. ئادەتتە سۈت، تۇخۇم، كۆكتات، ھايۋانات جىگىرى، بېلىق قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە دانىخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى