ساغلاملىق

قانداق قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

نۇرغۇن ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى بىر ھاياتلىقنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىش، بالا ئائىلىگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلىدە تېخىمۇ ئىللىق ۋە ئىناق كەيپىيات يارىتىدۇ. ئەرلەرگە دادا بولۇشنىڭ، ئاياللارغا ئانا بولۇشنىڭ بەختىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەمما ھامىلىدار بولۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، نۇرغۇن ئاياللار توي قىلىپ ئۇزاق مۇددەتكىچە ھامىلىدار بولالمايدۇ ياكى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. بۇ ئاياللارغا نىسبەتەن زور پىسخىك بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا زادى قانداق قىلغاندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھامىلىدار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بەلكىم بەزى كىچىك ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇشىڭىزغا ياردىمى تېگىشى مۇمكىن.

قانداق قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

1. تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى چۈشىنىش

تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك دەۋرىيلىكى مۇقىم بولمىغاچقا، ھەيز دەۋرى بىلەن تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىمۇ بەلگىلىك پەرق بولىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم يۇمشاق دېتال (APP) لاردىن پايدىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، ھەر ئايدىكى ھەيز دەۋرى ۋە ھەيز كېلىش ۋاقتىغا ھۆكۈم قىلىپ، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى توغرا ئىگىلەپ، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋاقىتتا بىللە بولغاندا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

2. پىسخىكىلىق بېسىمنى تۆۋەنلىتىش

نۇرغۇن ئاياللار ھامىلىدار بولالمىغانلىقتىن، روھىي بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ. روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە ئاياللارنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، بەدەندىكى ھەر خىل ھورمۇنلاردا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە بەزى تۇخۇمدان مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بەدەن ئۆزگىرىشى ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا يېڭى ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلىغاندا، تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

3. مۇۋاپىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش

بەدەن ئېغىرلىقى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى سەل تەسكە توختايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەندە ياكى بەك يېنىك بولۇپ قالغاندا، بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى 20 دىن تۆۋەن ياكى 30 دىن يۇقىرى بولغاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەڭشەش كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال دائىرىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولغان بەدەن ھالىتى بىلەن يېڭى ھاياتلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

4. سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى پائال ئېلىپ بېرىش

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەندە، بالىدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان بەزى سالامەتلىك مەسىلىلىرىدىن ساقلانغىلى ھەم تېخىمۇ ياخشى بەدەن ھالىتى بىلەن پىلانلىق ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھامىلىدار بولۇش پىلانىنى تۈزۈپ، ئاكتىپ ھالدا فولىك كىسلاتاسىنى ئىستېمال قىلىپ، بەدەن ھالىتىنى تەڭشىگەندە، بوۋاقنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

5. بىللە بولغاندىن كېيىن تۈز يېتىش

ئۇرۇق بالىياتقۇغا بېرىپ، تۇخۇم بىلەن ئۇچراشقاندىلا، ئاندىن ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ. ئەر-ئايال بىللە بولغاندىن كېيىن، تۈز يېتىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىسپېرمىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ياخشى بەدەن ھالىتىنى ساقلىغاندا ھەمدە بەزى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەڭشىگەندە، ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىراق ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىكنى بالدۇرراق تەكشۈرتۈپ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، ئاندىن ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى