ساغلاملىق

بوۋاقلارنى بۇنداق خاتا ئۇسۇلدا ئۇخلاتماڭ

بوۋاقلارنى بۇنداق خاتا ئۇسۇلدا ئۇخلاتماڭ

بوۋاقلار كېچىسى ئۇخلىمىغاندا ئاتا-ئانىلارنى ناھايىتى قىيناپ قويىدۇ، بالىنى قانداق ئۇخلىتىش كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ باش ئاغرىقى ھېسابلىنىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى خاتا ئۇسۇلدا ئۇخلاتقانلىق سەۋەبىدىن بالىنى مېيىپ قىلىپ قويىدۇ، ئۇنداقتا قانداق ئۇسۇلدا بالىلارنى ئۇخلاتقاندا ئۇلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ؟

1. بالىغا ئېمىزگۈنى ئېمىتىپ ئۇخلىتىش

بالىلار كېچىسى يىغلاپ ئاتا-ئانىلارنى بىئارام قىلغاندا ئاتا-ئانىلار ئېمىزگۈنى بالىنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ قويۇپ ئۇخلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بالا ئانىنىڭ قۇچىقىدا ياتقاندەك ھېس قىلىپ تېز ئۇخلايدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇنداق قىلغاندا بالىدا ناچار ئۇخلاش ئادىتى يېتىلىپ قالىدۇ ھەمدە بالىنىڭ ئېغىزىنىڭ شەكلىدە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ خىل ئۇسۇلدا بالىنى ئۇخلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىنى ئوينىتىش

بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى بۇرۇن ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئوينىتىپ ھاردۇرسام تېزراق ئۇخلايدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇنداق ئۇسۇل توغرا ئەمەس، داڭلىق بالىلار تەتقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بالىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئويۇن ئويناتقاندا بالىنى تېز ئۇخلاتقىلى بولمايلا قالماستىن بالىنى تېخىمۇ روھلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋېتىدىكەن.

بوۋاقلارنى بۇنداق خاتا ئۇسۇلدا ئۇخلاتماڭ

3. ئاتا-ئانىلار بالا بىلەن بىللە ئۇخلاش

بەزىدە ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىللە يېتىپ ئۇخلايدۇ، لېكىن بۇنداق ۋاقىتتا ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇخلىغاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئېيتالمىغاچقا ئۇخلىغاندا ئاسانلا ئاتا-ئانىلار بالىسىنى بېسىۋالىدۇ، ئاتا-ئانسىى ئۇخلاۋاتقاندا ئۆرۈلۈش سەۋەبىدىن بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بۇرۇن خەۋەرلەردە ئېيتىلغان.

4. كېچىسى ئۇخلىغاندا چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇش

ئاتا-ئانىلار بالىسى ئۇخلىغاندا چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بالا ئويغانغاندا زىيادە قورقۇپ كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بالا ئۇزۇن مەزگىل چىراغ ياندۇرۇلغان ئەھۋالدا ئۇخلىغاندا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دائىم چىراغ يۇرىقىدا ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ بويى قاراڭغۇدا ئۇخلايدىغان بالىلاردىن پاكار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم چىراغ يۇرىقىدا ئۇخلىغاندا بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

بوۋاقلارنى بۇنداق خاتا ئۇسۇلدا ئۇخلاتماڭ

كېچىسى بالىلارنى ئوبدان ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۈندۈزلىكى ئۇخلاش ۋاقتىنى ئازلىتىش، ئامال بار بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يېرىم سائەتتە ئۇلارغا بىر نەرسە يېگۈزمەسلىك، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ يالغۇز ئۇخلايدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈش، بالىغا بىخەتەر بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش، مۇمكىن بولسا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۇخلاشتىن ئالدىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى