ساغلاملىق

ئاياللار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ

ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ كۆپلىگەن ھامىلىدار ئانىلار كۆپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدۇ، ھەر خىل بوۋاقلار دۇكىنىنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تۇغۇلمىغان بالىسىغا كۆپلىگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدۇ، بالىسىغىلا ياخشى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، لېكىن دائىم ئۆزىگە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، لېكىن يەڭگىپ بولغان ئانىلار چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئۇچ نەرسىنى سېتىۋېلىش لازىم.

ئاياللار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ

1. سۈت ئېقىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان لىبىر

نۇرغۇنلىغان ئانىلار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن كۆپ مىقداردا سۈت ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ، بەزىدە بوۋاقلار بۇ سۈتلەرنى ئىچىپ بولالمايدۇ، شۇڭلاشقا سۈت ئېقىپ كېتىدۇ، سۈتنىڭ كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋاقتىدا سۈت ئېقىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان لىبىر سېتىۋېلىش كېرەك، ھەمدە بۇ خىلدىكى لىبىر ئىشلەتكەندە چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

ئاياللار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ

2. بالا ئېمىتكەندە كىيىىدىغان لىبىر

بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئانىلار ھورۇنلۇق قىلىپ لىبىر كىيمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇنداق بولغاندا بالا ئېمىتىشمۇ ئاسانغا توختايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا، بالا ئېمىتىش ئىچ كىيىمى كىيمەيلا بالا ئېمىتكەندە ئاسانلا مەيدىسى ساڭگىلاپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئانىلار بالا ئېمىتكەندە چوقۇم ئىچ كىيىم كىيىشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

ئاياللار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ

3. سۈت سۈمۈرگۈچ ئەسۋابى

يېڭى ئانىلار بالىلىرىنى ئېمىتكەندە دائىم سۈتى جىق بولۇش، سۈت بېزى ياللۇغى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى دەل ئانا سۈتىنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتمىگەنلىكى، سۈتنىڭ تۇرۇپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ، بۇنداق مەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانىلار ئالدى بىلەن بالا ئېمىتكەندىكى ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشى، سۈت سۈمۈرگۈچنى تەييارلىشى، ھەر قېتىم بالا ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن ئارتۇق سۈتىنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى