ساغلاملىق

بوۋاق ئانىسىنى قانداق تونۇيدۇ؟

بوۋاق ئانىسىنى قانداق تونۇيدۇ؟
بىرىنچى، بوۋاق كۆزى ئارقىلىق ئانىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بەزى ئانىلار بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ، قانداق قىلىپ كۆزى ئارقىلىق ئاپىسىنى تونۇيالايدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 40 كۈن ئەتراپىدا ئانىسىنى ئىزدەيدۇ، ھەتتا ئانىنىڭ ئىزناسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. مانا بۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئانىلار بوۋاقنى ئېمىتكەندە بوۋاقنىڭ كۆزى يۇمۇق بولسىمۇ، لېكىن ئانىسىغا قاراپ كۈلۈشىنىڭ سەۋەبى. شۇڭا، ئانىلار بوۋاق بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرسا، بوۋاق بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھېسسىيات رىشتىسى ئورناتقىلى بولىدۇ.

بوۋاق ئانىسىنى قانداق تونۇيدۇ؟

ئىككىنچى، بوۋاق پۇراق ئارقىلىق ئانىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بوۋاقنىڭ پۇراش سېزىمى باشقا سەزگۈ ئەزالىرىغا قارىغاندا ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ، بوۋاق ئانىنىڭ بەدىنىدىكى تونۇش بولغان سۈت پۇرىقى ياكى ئانىنىڭ پۇرىقى ئارقىلىق تېزلىكتە ئانىسىنى تونۇيالايدۇ، بۇ پۇراق چوڭلارغا نىسبەتەن ئانچە سەزگۈر بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى پەرق ئېتىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر خىل ئۇسۇلى. شۇڭا بوۋاقنى يۇيۇندۇرغاندا ياكى ياتاق ئۆيىدە بەك قويۇق ياكى بەك غىدىقلايدىغان پۇراقلار بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا بوۋاق ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ.

ئۈچىنچى، بوۋاق يەنە ئاۋاز ئارقىلىق ئاپىسىنى تونۇيالايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىدا باش سۈيى بار، شۇڭا تۆۋەنرەك ئاۋازلارنى ئاڭلىيالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بوۋاق سەل چوڭراق ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ، گەرچە بوۋاق بۇ ئاۋازلارنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن قايسىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاق ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرغاندا ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىپ تۇرىدۇ.

بوۋاق ئانىسىنى قانداق تونۇيدۇ؟

تۆتىنچى، ئانا بوۋاقنى كۆتۈرگەندە، تېرە بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئانىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. تېرە بىلەن ئۇچرىشىش بوۋاققا ئانىنىڭ مۇھەببىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىدۇ، بۇ ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات يەتكۈزۈشتۇر. ئانىلار بوۋاقنى قۇچاقلاش ئارقىلىق بوۋاقنى ئېمىتسە، بوۋاققا ئىشەنچ تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

بوۋاق ئانىسىنى قانداق تونۇيدۇ؟

ئانىلار يەنە شۇنى بىلىشى كېرەككى، بوۋاق تۇغۇلغان ئۈچ ئاي ئىچىدە ياتسىرىمايدۇ، ئۇ ھەر كۈنى ئۇنى قۇچاقلاپ، ھەر كۈنى ئېمىتىۋاتقانلارغا بېقىنىدۇ، شۇڭا مۇشۇ كۈنلەردە ئانىلار چوقۇم بوۋاقنى كۆپرەك سىلاپ، بالىغا ئەڭ ياخشى غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك؛ بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئادەم تونۇشقا باشلايدۇ، باشقىلارنىڭ كۆتۈرۈشىنى خالىمايدۇ، لېكىن ئانىلار ئوخشاشلا بالىغا ئەڭ ياخشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى