تەرمىلەر

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەرر:

بىلمىدىم سىلەردە قانداقتۇ، ئىشقىلىپ مەندە بۇرۇن زىيادە كۆڭۈلچەكلىك كېسىلى بارئىدى. نەچچە يىل بۇرۇن بۇ كېسىلىم كۈچىيىپ قانچىلىك دەرىجىگە يەتكەنتى بىلەمسىلەر؟

بىر قېتىم ئاپتوبۇسقا چىققاندا يېنىمدا تۇرغان چوڭراق موماي بىرنەچچە قېتىم ماڭا قارىدى، گەرچە ئۇنى تونىمىساممۇ لېكىن ماڭا نەچچە قېتىم قارىغاچقا بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇشۇم كېرەكتەك ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن قەستەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم چۈشمەكچى بولغان بېكەتنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا بارىدىغانلىقىمنى سورىدىم. ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن يېتىپ بېرىشقا ئازلا قالغانلىقىمىزنى، بېكەتكە كەلگەندە مىنى ئەسكەرتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ نەچچە رەت باش لىڭشىتىپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۋەتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۆزۈمنى ئازراق روھى ئازاتلىققا چىققاندەك ھېس قىلدىم. كىم بىلسۇن، ئاپتوبۇس بىر بېكەتكە يېقىنلىشىپ ئاستىلاشقا باشلىغاندا موماي ماڭا قاراپ: مۇشۇ بېكەت شۇ، كەلدۇق، چۈشسەڭ بولىدۇ، دەۋەتتى.

ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بېكەتنى خاتا تونىۋالغانىدى. مەن چۈشمەكچى بولغان بېكەت كېيىنكى بېكەت ئىدى. لېكىن مەن شۇچاغدا ياق! بۇ بېكەت ئەمەس دېيىشكە يۈزۈم چىدىماي رەھمەت موما دەپلا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كېتىپ پىيادە بىر بېكەت ماڭغانتىم.

ھازىر ئويلىساممۇ كۈلگۈم كېلىدۇ، ھەقىقەتەن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى ئەمەس، باشقىلارنى بەكرەك ئويلايتتىم، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك باشقىلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان ئىشلىرىغا قارىتا ئۆزۈم زىيان تارتىشقا رازى ئىدىمكى ھەرگىز باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرغۇم كەلمەيتتى. ئەلۋەتتە، لايىقىدا بولمىغان كۆڭۈلچەكلىك ھامىنى سىزگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، مەن كېيىن پىسخىلوگىيەگە قىزىقىپ قالغاندىن كېيىن توردىن ئانچە مۇنچە يازمىلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزۈمدىكى بەزى پىسخىكىلىق يېتىرسىزلىكلەرنى بايقىدىم ھەم تولۇقلاش ئۈچۈن ماترىياللارنى كۆرۈپ ئانچە مۇنچە نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنمۇ بولدۇم.

گەرچە پىسخكىغا مۇناسىۋەتلىك بەك جىق نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمىسەممۇ لېكىن بۇرۇن شۇ جەرياندا ئۇچراتقان بەزى يازمىلاردىن سىلەر بىلەن تەڭ بەھرلەنگۈم كەلدى.

شۇڭا بۇرۇن كۆرگەن ماۋۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇپ قويدۇم. ئوقۇپ مەنپەتلىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس.

ئەمىلىيەتتە، بىز دەۋاتقان كۆپ قىسىم كۆڭۈلچەك كىشىلەر Highly Sensitiviti يەنى :内心高度敏感型的人

كۆڭلى زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ( ئاستىدا قىسقارتىپ سەزگۈر دەپ ئېلىندى) ئىكەن. ئۇلار ئۆز ھېسسىياتىدىن بەكرەك باشقىلارنىڭ ھېسسياتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويىۋالىدىكەن.

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

01

ئۆتكەندە بىر كىتاب ئوقۇش يىغىلىشىغا قاتناشتىم. يېغىن ئاياغلىشىپ ئىختىيارى پاراڭ قىلىنىۋاتقاندا بايا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھېس تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلاشقان بىرەيلەن يېنىمغا كېلىپ سورىدى:

– بايا مەن ئورتاقلاشقان مەزمۇنلارنى تايىنى يوقكەن دەپ ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ يېڭىلىق يوق، زېرىكىشلىك بىلىندىمۇ قانداق؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم.

بۇ 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر قىزچاق بولۇپ، ئۈستىگە ئاق رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان، يۈرۈش تۇرۇشى خېلىلا سالاپەتلىك كۆرىنەتتى، ئۇنىڭ ئورتاقلاشقىنى «ئارالدىكى كىتابخانا» بولۇپ، بۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان كىتاب ئىدى.

شۇ چاغدا مەن بەكلا ھەيران بولدۇم ھەم ئۇنىڭدىن سورىدىم: -سىز قانداقسىگە ئورتاقلاشقان مەزمۇنلىرىڭىزنى مىنى ياقتۇرمىدى دەپ ئويلاپ قالدىڭىز؟

-چۈنكى بايا مەن سۆزلەۋاتقاندا سىز يېنىڭىزدىكى كىشى بىلەن پاراڭلاشتىڭىز، تىخى ماڭا پات-پات قاراپ قويدىڭىز، مىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەكلا، دېدى ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن.

ھەقىقەتەن، مەن ياندىكى كىشى بىلەن ئازراق كۇسۇرلاشقانىدىم.

لېكىن، بىز ئۇنى مەسخىرە قىلمىغان، ئەكىسىچە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىشقانىدۇق، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس چۈشەنچىسى بارلىقى، كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى دېيىشىپ ماختاشقانىدۇق.

ئۇنىڭ نىمىشقا بىزنى ئۆزىنىڭ يامان گېپىنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى دەماللىققا چۈشەنمىدىم، لېكىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش زىيادە سەزگۈر كىشى بولۇشى مۇمكىنلېكىنى ھېس قىلدىم.

كۆڭلى زىيادە سەزگۈر بولسا ئەتراپتىكى ھەرخىل ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، مەسىلەن:

ئاۋاز، نۇر، پۇراق، تېمپىراتۇرا، تەم، چىراي ئىپادە، كەيپىيات، ھەرىكەت، بەدەن تىلى…

ئەڭ قورقۇنچلۇقى «سەزگۈرلۈك» دىگەن بۇ لوپا ئەينەك دائىم ئەتراپتىكى مۇھىتنى چوڭايتىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىمۇ چوڭايتىۋىتىدۇ. ھەممە ئىشنى بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرستىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە يامان تەرەپكە بەكرەك ئېغىيدۇ.

باشقىلارنىڭ كۇسۇرلىشىشى- بىزنىڭ غەيۋىتىمىزنى قىلىۋاتقانلىقى…

باشقىلارنىڭ ئېتىبارسىز قارىشى- بىزدىن بىزار بولغانلىقى…

باشقىلارنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولماسلىقى- ئۆزىمىزنىڭ بىرەر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىمىزدىن…

شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتا شۇنچىلىك ئېھتىيات بىلەن ياشايدىغان بولۇپ قالىمىز.

باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەيدىغان ئىش بولۇپ قالسا خاتالىق چىقىپ قالمىسۇن دەپ تەييارلىقنى ئاجايىپ پۇختا قىلىمىز.

باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپكە يامان تەسىر بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن گەپلىرىمىزنى پەش چېكىتلىرىگىچە ئاۋايلاپ قىلىمىز.

ئۈندىداردا پاراڭلاشقاندا ئامال بار ھەرىكەتلىك ئىپادىلەرنى جىقراق يوللايمىز، چۈنكى خەتنىڭ سوغۇق، قوپال تەسىر بېرىپ قويىشىدىن ئەنسىرەيمىز.

ھەقىقەتەن جاپالىق ھە…

ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغىنى، بىز بۇ كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى دوستلىرىمىزغا ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ دەيدىغنى: «بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىپسەن، بەكلا جىق ئويلاپ كېتىدىكەنسەن!»

بۇنداق چاغدا ناھايىتى ئامالسىز قالىمىز. شۇنداقلا گۇمان قىلىشقا باشلايمىز ،مەن راستلا ئىشلارنى بەك جىق ئويلىۋالامدىغاندىمەن؟ بۇ سوئال ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىشقا يىتەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ سەزگۈرلۈكنى يوقتىشنى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايمىز، بەزىدە ھەتتا ھېچقانداق ئىشقا يولۇقمىسامكەن، سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشمىسامكەن، دىگەن خىيال پەيدا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، زىيادە سەزگۈر ئۆزىمىزنى ياقتۇرماي قالىمىز، ئۆزىمىزنى غەلىتە دەپ قاراپ سەزگۈرلۈكنى بىر ئاجىزلىق، نازۇكلۇق، ئەينەك خاراكتېر (كۆڭلى ئەينەكتەك نازۇك، ئوڭايلا دەز كېتىپ ئازار يىگەندەك ھېس قىلدىغان) دەپ ھۆكۈم قىلىۋىتىمىز.

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

02

زىيادە سەزگۈرلۈك توغۇرلۇق پىسخىلوگلار نېمىلەرنى بايقىدى؟

ئامرىكىلىق داڭلىق پىسخىلوگ Elaine Aron زىيادە سەزگۈرلۈكنى تەتقىق قىلغۇچى باشلامچى شەخىس بولۇپ، ئۇ مۇنداق قارىغان:

زىيادە سەزگۈر كىشىلەر تۇغۇلغاندىلا ئالاھىدە نېرۋا سېستىمىسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئىچكى ۋە تاشقى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىكەن ھەم ھەل قىلالايدىكەن.

ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، زىيادە سەزگۈرلىك بىزنىڭ تاشقى ئۇچۇرلارغا بولغان «كۈتۈلمە قىممەت» دەرىجىمىزنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان بولغاچقا ئازراقلا غىدىقلاشلارمۇ كاللىمىزنى جانلاندۇرۋېتەلەيدىكەن.

شۇڭلاشقا، بىزدە تېخمۇ كۈچلۈك بايقاش ئىقتىدارى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى بولىدىكەن، لېكىن شۇنداقلا بۇنىڭ بىزدىكى ئېنىرگىيەنى خورىتىۋىتىشىمۇ ئېغىر بولۇپ شۇنىڭغا ئەگىشىپ پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەن.

مەسىلەن: مەن پۈتۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىشخانىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەمىلى ئۇچۇرلار مىنى يەتكۈچە قورشاپ بولغان بولىدۇ، بارلىق ئۇچۇرلارغا زېھنىمنى ئاجرىتىش توغرا كەلگەچكە بۇ چاغدىكى مەن ئاللىبۇرۇن ئۆزۈمنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشلىتىۋاتقان بولىمەن. لېكىن، سىرتقى ئۇچۇرلار ئازايمىغان بىلەن بەدەندىكى ئېنىرگىيە توختىماي خوراپ ماڭىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چۈشتىن كېيىنلىك خىزمەت ئۈنىمى تەبىيلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشتىن سىرت، زىيادە سەزگۈرلۈكتەك بۇ پىسخىكا خاسلىقىم مىنى بۇ ئۇچۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلايدۇ. مەسىلەن: پالانچى ماڭا ئەجەپ باشقىچە قارىۋەتتىغۇ؟ دىگەندەك بىر سۇئال تۇغۇلۇپ قالسىمۇ كاللىغا كىرۋىلىپ چىقمايدۇ.

Elaine Aron تەكشۈرۈش ئارقىلىق دۇنيادىكى %15-%20 كىشىنىڭ زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان، دىمەك، ھەر بەش كىشىنىڭ ئىچىدە بىر زىيادە سەزگۈر كىشى بار.

سەزگۈر كىشىلەر كىچىك ۋاقتىدا پەقەت خىجىلچان، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىچكى مىجەز دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئۇلار پەقەت زىيادە سەزگۈر.

ئۇنىسى دېسە، %30 ئەتراپىدىكى سەزگۈر كىشىلەر ناھايىتى تاشقى مىجەز، يەنە كېلىپ سەزگۈر كىشىلەر توپىدىكى ئەر ئاياللار نىسبىتى ئاساسەن تەڭ. دېمەك، زىيادە سەزگۈرلۈك ھەرگىز قىزلارغىلا خاس سۈپەت ئەمەس.

زىيادە سەزگۈرلۈك بىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

تاشقى مۇھىت ئۇچۇرلىرىغا زىيادە زېھنىمىزنى بېرىۋىتىش ئېنىرگىيىمىزنى بەكلا خورىتىۋىتىدۇ، ئاندىن ھەقىقىي كۈچ چىقىرىدىغان ۋاقىت كەلگەندە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالىدۇ.

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ، بەزىدە تەسىرلىك بىرەر ئېلانمۇ كۆزىگە ياش ئالدۇرسا، يەنە بەزىدە كىنودىكى ۋەقەلىكلەرمۇ كەيپىياتىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋىتەلەيدۇ.

باشقىلارنىڭ باھاسىغا بەكلا كىرىشىپ قالىدۇ، نىمىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارغا سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن تەييارلىقىنى تۈجۈپىلەپ قىلىدۇ.

لېكىن، كاللىسدا خاتالىق چىقمىسىكەن دەپ توختىماي ئويلاپ تۇرىۋالغاچقا ئەكىسىچە پات-پات ئىشلاردىن چاتاق چىقىدۇ. بەزىدە، باشقىلارنىڭ دوستانە مۇئامىلە قىلمىغىنى ئېنىق تۇرسىمۇ لېكىن ئەتراپتىكېلەردىن بەك تاۋىڭ نازۇك، جىق ئويلاپ كېتىسەن، بەك زىغىرلايسەن… دىگەندەك باھالارنى ئاڭلاپ قالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سەزگۈرلىكىگە تېخىمۇ جىلە بولىدۇ، بۇنداق تۇرىۋەرسەم ھېچكىم مىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دەپ ئويلايدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگىنى كۈچلۈك داۋالغۇشلۇق كەيپىياتىلا بولماستىن ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇقى دەل ئۆزىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى، ئۆزىدە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ بولۇشىنى توغرا ئەمەس دەپ ئويلاش ھەم شۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ تەشۋىشلىنىش، تېخمۇ پەسكوي بولۇپ قىلىشتۇر.

ئەمىسە، تۇغۇلۇشتىلا بار بولغان بۇ خاسلىقنىڭ راستلا ھېچقانداق پايدىسى يوقمۇ؟

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

1. سەزگۈر كىشىلەر تېخىمۇ ئاسانلا باشقىلار بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈك بىزنى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا، كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە ھەرۋاقىت دىققەت قىلىدۇردىغان بولغاچقا ئوڭايلا باشقىلارنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىغا ئۈلپەت بولالايمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى بىلگەندىن كېيىن ئوڭايلا ھېسداشلىق قىلىپ، خۇددى ئۇنىڭ بىئاراملىقى بىزنى بىئارام قىلىۋاتقاندەك بولۇپ كېتىمىز.

شۇ سەۋەبلىك تىزلا باشقىلارنىڭ قايغۇرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تەسەللى بېرىپ سالىمىز. قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغان بىرىنىڭ بارلىقنى بىلگىنىدە، ئوڭايلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تىپتىكى كىشى ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ ئورتاقلىق شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن سەمىمى، چوڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ.

مەسىلەن: مەندە زىيادە سەزگۈرلۈك بولغاچقا، بىرەرسى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىز ئەھۋالغا قالغاندا ئۇنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىنى تىزلا چۈشىنەلەيمەن ھەم ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ھېسداشلىقىم قوزغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىمەن، قارشى تەرەپ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندە تەشۋىشى دەرھاللا پەسلەيدۇ ھەم بىرخىل ئىللىقلىق ھېس قىلالايدۇ.

زىيادە سەزگۈر كىشىلەر بىر بىرى بىلەن پاراڭلاشسا ھېچقانداق بېسىمسىز، بەكلا كۆڭۈللۈك بولىدۇ. ئۇلار بىر بىرىنى چۈشەنگەچكە ھەرگىز قارشى تەرەپنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلمايدۇ. بۇنداق ئالاقە چوڭقۇر مۇناسىۋەتنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالىدۇ.

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

2.سەزگۈر كىشىلەر ئۆزىنى خەتەردىن تېخىمۇ ياخشى قاچۇرالايدۇ

سەزگۈرلۈك ھامان خەتەرنى ئازايتالايدۇ. يېڭى بىر مۇھىتقا نىسبەتەن سەزگۈرلۈك بىلەن ئىش كۆرۈش يوشۇرۇن خەۋپلەردىن ساقلىنىشنىڭ ياخىش ئۇسۇلى. زىيادە سەزگۈر كىشىلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمىغاچقا دائىم ئىشلارنى پۇختا ئېلىپ ماڭىدۇ.

قارىماققا قورقۇنچاقلىقتەك قىلغان بۇ خاراكتىرنىڭ ئەمىلىيەتتە قورقۇنچاقلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. شۇنى بىلىشى كېرەككى، باشتا ئۆلۈپ كېتىدىغىنى دائىم باتۇر كىشىلەر بولۇپ چىقىدۇ، نۇرغۇن ئىشلارغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق.

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

3. سەزگۈر كىشىلەر ئاجايىپ ئىجادچانلىققا ئىگە كېلىدۇ

سەزگۈرلۈك تەپەككۇرىمىزنى ناھايىتى تىرىك ھالەتتە ساقلايدىغان بولغاچقا ئىچكى دۇنيارىمىز نۇرغۇن ئوي خىياللار بىلەن تولغان بولىدۇ. جىق ئويلاپ كېتىشتەك بۇ خاسلىقىمىز بىزنى ھەرقانداق ئىشنى بىر بىرى بىلەن باغلىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ قويىدۇ. Elaine Aron تەتقىقاتىدا شۇنى ئىسپاتلىغان: زىيادە سەزگۈرلۈك بىزنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارىمىزنى ئىلگىرى سۈرىۋىتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، تارىخىتىن بۇيانقى نۇرغۇن ئەدىب، شائىر، سەنئەتكار، رەسسام دىگەندەك ئىجادچانلىققا ئىگە كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەزگۈر خاراكتىرگە ئىگە .

داڭلىق ئالىم نىيۇتونمو ئىچى سەزگۈر كىشى بولۇپ دائىم شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلاتتىكەن.

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

زىيادە سەزگۈرلۈك بىزنى ئەتراپتىكىى ئۇچۇرلارغا بەكلا دىققەت قىلىدىغان قىلىپ قويغان. بىز پۈتۈنلەي تاشقى ئۇچۇردىن خالى يەردە ياشاشقا ئامالسىزمىز، شۇڭا روھىمىز، جىسمىمىز بەكلا چارچاپ كېتىدۇ.

لېكىن، ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلساق، ئۆزىمىزدىن چانساق، بىزار بولساق ھەرگىز بولمايدۇ.

چۈنكى سەزگۈرلۈكمۇ بىزگە بېرىلگەن بىر سوۋغات، ئۇ بىزگە ئۈنسىز لېكىن كۈچلۈك بىرخىل ئېنىرگىيە بەرگەنكى، دائىم يۇمشاقلىق ئارقىلىق قاتتىقلىقنى يېڭەلەيمىز.

ئەگەر سىزمۇ مەندەك سەزگۈر تىپلىق كىشى بولسىڭىز، ھەرگىز ئۆزىڭىزدىن بىزار بولماڭ.

بۇ سوۋغاتنى جايىدا ئىشلەتسسىڭىز، بەخىتلىك تۇرمۇش چوقۇم سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ!

سىزمۇ بىر كۆڭۈلچەكمۇ؟

مەنبە: ketren丷

ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/Z89SVjL5kbQ-GsL69rOi4Q

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى