ساغلاملىق

جىق ئويلىۋالىدىغانلار قانداق خۇشاللىق تاپىدۇ؟ بۇ تۆت نوقتا بەك مۇھىم

جىق ئويلىۋالىدىغانلار قانداق خۇشاللىق تاپىدۇ؟ بۇ تۆت نوقتا بەك مۇھىم

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،

پىسخىكىسى زىيادە سەزگۈر بولىدىغانلار ئاسانلىقچە خۇشاللىق ھېس قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى پائالىيىتى بەكلا سەرخىل، ئاسانلا جىق ئويلىۋالىدۇ، شۇڭا پىسخىكىسىدىكى يۈكمۇ بەك ئېغىر، ئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇنداقتا، پىسخىكىسى زىيادە سەزگۈر كىشىلەر قانداق قىلغاندا خۇشاللىق تاپالايدۇ؟ تۆۋەندىكى بۇ تۆت تەدبىر سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

جىق ئويلىۋالىدىغانلار قانداق خۇشاللىق تاپىدۇ؟ بۇ تۆت نوقتا بەك مۇھىم

(1) خاتا پىسخىكىلىق خاسلىقتىن ساقلىنىش

پىسخىكىلىق پائالىيىتى زىيادە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى شۇكى، خاتا پىسخىكىلىق خاسلىق شەكىللەندۈرىۋالىدۇ، ئۆزى يۈكلەشكە تېگىشلىك بولمىغان خاتالىقنى زورمۇ-زور ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.

مەسىلەن، باشقىلار ئاچچىقلانغاندا نورمال ئادەم «بۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز ئىكەن، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلايدۇ؛ پىسخىكىسى زىيادە سەزگۈر ئادەم «ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى، مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلغان ئوخشايمەن» دەپ ئويلايدۇ.

باشقىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە قىلمىشى ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقنى ئۆزىڭىزگە يۈكلىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەممىلا ئادەم پەقەت ئۆزىگە مەسئۇل بولسىلا يېتەرلىك.

جىق ئويلىۋالىدىغانلار قانداق خۇشاللىق تاپىدۇ؟ بۇ تۆت نوقتا بەك مۇھىم

(2) باشقىلارنىڭ رايىغا بەك قاراپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق

ئاسانلا جىق ئويلىۋالىدىغانلار دائىم باشقىلارنىڭ پىسخىكىسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشقا بەكرەك ماھىر كېلىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن باشقىلارنىڭ خىيالىنىمۇ بىلىۋالمىسا، قانداقمۇ جىق ئويلىۋالسۇن؟

بۇ خىل قابىلىيەت ئۇلارنى باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىشنى ئۆگىتىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەتتە خېلىلا ئىلغار سانىلىدۇ، لېكىن مەسىلە يەنە دەل مۇشۇ نۇقتىدىن چىققان، ئۇزۇن مۇددەتلىك كىشىنىڭ رايىغا بېقىشلاردىن، بۇ خىل كىشىلەر قۇلچىلىق خاراكتېرنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ.

شۇڭا، باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىش بىلەن بىرگە ئۆز دۇنياسىدىكى چېگرىنى ساقلاش، ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق ئورنىنىڭ خاسلىقىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە باشقىلارنى رەت قىلىشنىمۇ بىلىش، شۇندىلا خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

جىق ئويلىۋالىدىغانلار قانداق خۇشاللىق تاپىدۇ؟ بۇ تۆت نوقتا بەك مۇھىم

(3) ھەرىكەتلىنىشنى ئۆگىنىڭ

ئارتۇقچە خىيالنىڭ ئەمەلىيەتتە ھاياتقا ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئەكسىچە بۇ خىياللار سىزنىڭ ئېنىرگىيەرىڭىزنى سەرپ قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى خىيال بىلەن ھېچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ، ئەكسىچە دىققىتىڭىزنى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىڭىزنى خورىتىپ چارچىتىپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن سىز ئەلۋەتتە خوشاللىق تاپالمايسىز.

سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنىڭىز تەپەككۇر يۈرگۈزگەندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشتۇر. چۈنكى ھەرىكەت ئۈنۈملۈك ھالدا خىيالنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، سىزنىڭ ئوي-پىكرىڭىزنى چەكلىك دائىرىدە كونترول قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرىكەتتىن ئالغان ھوسۇل سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز ۋە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ تاۋلايدۇ.

جىق ئويلىۋالىدىغانلار قانداق خۇشاللىق تاپىدۇ؟ بۇ تۆت نوقتا بەك مۇھىم

(4) زىيادە سەزگۈرلۈك مەسىلە ئەمەس، مەسىلە ئۆزىنى كەمسىتىشتە.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ سەزگۈرلۈكىدىن گاڭگىراپ قالىدۇ، پىسخىكىسىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق سەزگۈرلۈكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھەتتا «قاشاڭ سېزىم كۈچى» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ بىر خاتالىق، زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئەسلىدە ھېچقانداق مەسىلىسى يوق، مەسىلە پىسخىكىدىكى ئۆزىنى كەمسىتىشتە، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كەمچىلىكىدە، يوشۇرۇنچە ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش قاتارلىق ئىللەتلەردە. ئەگەر بۇ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلمىغاندا، زىيادە سەزگۈرلۈكنى يوقىتىش سىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ.

قارشىچە بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈك ئۆزىگە ئىشىنىش، كەڭ قورساقلىق، ھەرىكەت ۋە ئەقىل قاتارلىقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇلغاندا، سىز ئەكسىچە ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ بەكرەك قاندۇرالايدىغان بولىسىز، بۇ سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئورنىڭىزغا پايدىلىق. شۇڭا مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا سەۋەب قىلىش ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

جىق ئويلىۋالىدىغانلار قانداق خۇشاللىق تاپىدۇ؟ بۇ تۆت نوقتا بەك مۇھىم

خۇلاسە: پىسخىكا سەزگۈرلىكى، پىسخىكىلىق پائالىيەتنىڭ زىيادە كۆپلىكى بەزىدە ھەقىقەتەن سىزنىڭ خۇشال بولالماسلىقىڭىزدىكى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولماسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ياكى مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىڭىزنىڭ خاراكتېرىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خىل تەدبىرنىڭ سىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىسى تېگىپ، خۇشاللىققا ئېرىشىشىڭىزغا سەۋەب بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى