ساغلاملىق

يەنە ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ يانفون ئوينامسىز؟

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا كىتاب كۆرۈش، ئۈندىدار ئويناش، مىكرو بىلوگ كۆرۈش، ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ناچار ئادەت. ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، چوڭ تەرەت قىلىش تەسلىشىپ كېتىدۇ.

ھاجەتخانىغا كىرىش پۈتۈن زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان بىر ئىش، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن چوڭ تەرەت ئۈچەي يولىڭىزنى غىدىقلايدۇ، ئاندىن بۇ سىگنال يۇلۇن ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە بارىدۇ، ۋە چوڭ مېڭە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا مۇسكۇلغا تەسىر قىلىپ، ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ، بۇ ئىنتايىن ئاجايىپ بىر شەرتلىك رېفلېكىس.

ئەگەر دىققىتىڭىز چېچىلىپ كەتسە، چوڭ مېڭىنىڭ سىزگە بولغان بەزى غىدىقلاشلىرى سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى قوزغىيالمايدۇ، بۇنداق بولغاندا چوڭ تەرەتنى ئاسان چىقارغىلى بولمايدۇ، ۋە ئاسانلا قەۋزىيەت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ.

تەرەت قاچىسىدا ئۇزاق ئولتۇرغاندا قورساق بېسىمى ئاشىدۇ، يەنە كېلىپ مەقئەت قىستۇرمىسى تۆۋەنگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن، مەقئەت قىستۇرمىسى تۆۋەنگە سۈرۈلگەندىن كېيىن گېموروي پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغاندىن كېيىن جاھىل خاراكتېرلىك قەۋزىيەت پەيدا بولۇپ يىغىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

شۇڭا ھاجەتخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتقان، يانفون ئويناۋاتقان تورداشلارنى چوقۇم ئامال قىلىپ بۇ يامان ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىشىگە دەۋەت قىلىمىز!

تېڭشۈن تورى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى