ساغلاملىق

ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ؟

ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ بەدەن ساپاسى نىسبەتەن ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار ئادەت كۆرىدىغان بولغاچقا، ئاياللارنىڭ ھەر ئايدا بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدىنىنىڭ كېسەللىك باكتېرىيەلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ئاياللارنىڭ كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ئاياللار ئۆزىنى كۈتۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

گۈزەللىكنى سۆيۈش ھەر بىر ئايالنىڭ تۇغما تەبىئىتى، لېكىن بەزى ئاياللار گۈزەللىكنى قوغلىشىپ، قورساق ۋە ئوشۇقىنى ئىسسىق ساقلاشقا سەل قارايدۇ. ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى بۇ ئىككى ئورۇن دەل سوغۇق ھاۋا ئەڭ ئاسان بۆسۈپ كىرىدىغان جاي بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تۇرغاندا، سوغۇق ھاۋا قاننى بويلاپ پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ، قاننىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر شۇ سەۋەبلىك بالىياتقۇغا سوغۇق تېگىپ قالسا ياللۇغ پەيدا بولىدۇ.

ھەيز مەزگىلى ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئەڭ ئاجىز مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا پەرۋىش كەم بولسا بولمايدۇ، ئەمما بەزى ئاياللارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن، ۋاقتىدا تازىلىق قەغىزىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. تازىلىق قەغىزى ئۇزاققىچە ئالماشتۇرۇلمىسا، يىغىلىپ قالغان كۆپ مىقداردىكى ھەيز قېنى ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ، سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق ۋاقىت ئالماشتۇرۇلمىغان تازىلىق قەغىزى باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ ۋە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تازىلىق قەغىزىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك، ئادەتتە تازىلىق قەغىزىنى تۆت سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللارنىڭ كۈندۈزى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى كېچىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، بۇ بەلكىم كۈندۈزدىكى ئالاھىدە ئورۇنلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشى، بەدەندىكى ئاجرالمىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرىدىغان ئادىتى بار، دائىم پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، مەخپىي ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكى ئېشىپ، باكتېرىيەگە تېخىمۇ ياخشى ياشاش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدۇ. يەنە بەزى ئاياللار تار ئىشتان كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تار ئىشتاننىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار بولغاچقا، باكتېرىيەلەرنىڭ جۇغلىنىش سۈرئىتىمۇ تېزلىشىدۇ، بۇ خىلدىكى ئاياللار باشقا ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ.

تويدىن كېيىن ئاياللار دۇچ كەلگەن ئاياللار كېسەللىرى ئاياللارنىڭلا سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنىڭ تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەر-خوتۇن بىللە بولغاندا، ئۆزئارا بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ، ئۆز ئالدىغا شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىشى، باكتېرىيەنىڭ گىرەلەشمە تارقىلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىدىكى كۆپ قىسىم سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىدە، لېكىن تويدىن كېيىن ئەر-خوتۇن بىللە بولغان ۋاقىتتا باكتېرىيەنىڭ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلېكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئاياللار بۇ ناچار ئادەتلەردىن ساقلانسا، ئاياللار كېسەللىكىدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ.

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى