بىر تورداش قارىغايدىن گۈل چېڭى تۆكۈلگەن ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىۋالدى
ئامېرىكىدا ھازىر ئەتىياز ئۆتۈپ كەتتى. بىراق، ئەتىيازنىڭ ھىدى يەنە نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەردە ساقلىنىپ قالدى. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر تورداش ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىۋالدى. ئۇ گۈل چېڭى تۇمانى پارتلىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيلا قالغانىدى.
بۇ ۋىدېئو 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى مىلۋىلدىن ئېلىنغان. شۇ ۋاقىتتا ۋىدېئوغا ئالغۇچىنىڭ يولدىشى گۈل چاڭلىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىدىن بىزار بولۇپ ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى–بىر تۈپ چوڭ قارىغاينى بىر تەرەپ قىلىۋەتمەكچى بولغانىدى.
ئويلىمىغان يەردىن كۈرەكلىك ئېلېۋاتور دەرەخ شېخىغا تېگىشى بىلەن دەرەختىكى گۈل چاڭلىرى بىراقلا تۆكۈلۈپ ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندى.
بۇ ۋىدېئو توردا تارقالغاندىن كېيىن تۆت مىليون 600 مىڭ قېتىم قويۇلدى، 10 مىڭدىن كۆپرەك باھا سۆزى يېزىلدى.
بۇ يىل ئامېرىكىدا ئەتىياز كېيىن كىرگەنلىكى، ياز كىرىشى بىلەن تېمپىراتۇرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى سەۋەبلىك تەرتىپ بويىچە چېچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا چېچەكلەپ گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىش مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كەتتى.
بىراق، بۇ ئەھۋال ئۆسۈملۈكشۇناس، بىئولوگلارغا ئانچە يېڭى تۇيۇلمىدى. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلىي تارماق مەكتىپىنىڭ بىر پىروفېسسورى بۇ گۈل چاڭلىرىنىڭ نەچچە يۈز مىليون دانىگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئالىملار يەنە قارىغايلارنىڭ گۈل چېڭىنىڭ ئەڭ يىراق بولغاندا 90 نەچچە مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ بارىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە جانلىقلار كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەلۋەتتە، بۇ ئەھۋال ھەممە ئادەمنى خۇشال قىلمىدى، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىدىغانلار ئامالسىز ئىشىك-دېرىزىلىرىنى ئېتىپ، قېلىن ماسكا تاقاپ يۈردى.