ساغلاملىق

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

تۆۋەندىكىلەر بولسا سەككىز خىل جىگەر كېسىلىنى تەكشۈرۈتۈش ئۇسۇلى، ساقلاپ قويۇڭ، بەلكىم سىزنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىڭىزگە ياردىمى بولۇپ قالار.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

1. جىگەرنى ماي قاپلاش:

جىگەرنى ماي قاپلاش ئىسپىرتلىق ۋە ئىسپىرتسىز دەپ ئايرىلىدۇ، ئالدىنقىسى ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، كېيىنكىسى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ قوبۇل قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دوختۇرخانىغا بېرىپ قورساق قىسمىنى CT ۋە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش، زۆرۈر بولغاندا جىگەر ئىقتىدارى ۋە قاندىكى ماينى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈتۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، باشقا جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش كېرەك، ئەگەر جىگەر قېتىش ياكى جىگەرنىڭ تالالىشىشىدىن گۇمان قىلىنسا، جىگەر ئېلاستىكلىقى ۋە جىگەرنىڭ تالالىشىشىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى قىلىش كېرەك.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

2. ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىش مەنبەلىك جىگەر كېسىلى:

ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىش مەنبەلىك جىگەر كېسىلىگە قارىتا، جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. بولۇپمۇ ئىشقارلىق فوسفاتازا ۋە گلۇكوزىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەدەننىڭ ئانتىتېلا سىپېكتىرى ۋە قورساق قىسمىنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈتۈش كېرەك، ئەگەر يەنىلا ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولمىسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىگەرنى پۇنكسىيە قىلىش (تېشىپ تەكشۈرۈش) قا توغرا كېلىدۇ.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

3. ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى:

ئەگەر ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىدىن گۇمانلانسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ پاتالوگىيەلىك تەكشۈرتۈش ۋە جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قان ئۇيۇشنىڭ تۆت تۈرى ۋە جىگەرنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆسمە بەلگىلىرىنى تەكشۈرۈتۈش، ئەگەر جىگەر تالالىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، جىگەرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تەكشۈرۈش، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش ۋە جىگەر تالالىشىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرنى ئىشلەش كېرەك.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

4. ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق جىگەر كېسىلى:

ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق جىگەر كېسىلى بولسا، ئالدى بىلەن قورساق قىسمىنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز بەدەن ئانتىتېلا سپېكترى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەك. يۇقىرىقى تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق يەنىلا ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولمىسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىگەرنى پۇنكىسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

5. دورا مەنبەلىك جىگەر زەخىملىنىش:

نەزەردىن ساقىت قىلىش تۈرىدىكى دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دورا مەنبەلىك جىگەر زەخىملىنىشكە ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ، بىمار چۇقۇم يېقىندا ئىستېمال قىلغان دورىلارنى ئېنىق دەپ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قورساق قىسمىنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ۋە جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا جىگەرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

6. جىگەر خالتىلىق ئىششىقى ياكى جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى:

جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى ياكى جىگەر خالتىلىق ئىششىقىنى قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، ئاساسلىقى قورساق قىسمىنى CT ياكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىگەر ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، كېسەللىكنىڭ باشقا جىگەر كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

7. جىگەر قېتىشىش:

جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، ئاۋۋال ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق قورساققا سۇ يىغىلىپ قالغان ـ قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

زۆرۈر بولسا ئاشقازان ئەينىكىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈپ، قىزىلۆڭگەچ ئاشقازان ئاستى ۋېناسىدا ئەگرى ـ بۈگرى كېڭىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ـ كۆرۈلمىگەنلېكىنى ئېنىقلاش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆسمە بەلگىسى ماددىلىرى، ئاممىياكلىق قان ھەمدە قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

جىگەر كېسەللىكلىرىنى قارغۇلارچە تەكشۈرتمەڭ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىڭ! !

8. جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىزلىنىش:

جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىز بولغاندا ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئىممۇنولوگىيە ۋە ۋىرۇس ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا CT ۋە جىگەر B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىق سۈرەتكە ئېلىش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ، ئۆت توسۇلۇش خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى