ساغلاملىق

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل نېمە؟ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنى بىلگۈسى كېلىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز، بۇ مەزمۇننىڭ سىزگە ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1. كەيپىياتنىڭ تەسىرى: ھەممىز «غەمكىنلىك جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان، كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى كېسەللىكنى داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا كىچىك ئۈچ مۇسبەت دەرىجىسىدىكى بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك، بۇ ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

2. يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەسىرى: مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك جىگەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن پايدىلىق، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كىچىك ئۈچ مۇسبەت (شياۋسەنياڭ) دەرىجىسىدىكى بىمارلار يېمەك-ئىچمىكىدە زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، تۆۋەن مايلىق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلايدىغان، مايدا پىشۇرۇلغان، تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھاراق تاشلاش ئارقىلىق ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىش كېرەك، بۇلار B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كىچىك ئۈچ مۇسبەت كېسىلىنى داۋالاشتا ناھايىتى زور قوشۇمچە رول ئوينايدۇ.

3. تەن ساپاسىنىڭ تەسىرى: بەدەن سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولسا، ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۆمرى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئەكسىچە ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كىچىك ئۈچ مۇسبەت دەرىجىلىك بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولسا، بەدەندىكى ۋىرۇسلار جىگەرنى زەخىملەندۈرۈپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

بۇنىڭدىن باشقا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كىچىك ئۈچ مۇسبەت دەرىجىلىك بىمارنىڭ ئۆمرى يەنە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كىچىك ئۈچ مۇسبەت كېسىلىنى داۋالاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر بىمار دوختۇرخانىغا بېرىپ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كىچىك ئۈچ مۇسبەت كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەنىلا كونترول قىلغىلى بولىدۇ، نورمال ئادەملەردەك ئۇزۇن ياشىيالايدۇ، نورمال روھىي ھالەتنى ساقلاپ، كۆڭۈل ئازادىلېكىنى ساقلىسىلا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.

ئەلۋەتتە B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن قورقماسلىق كېرەك، ئالدى بىلەن كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ بەدەن ئىقتىدارىڭىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى