ساغلاملىق

ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؟

ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جىددىي خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ناھايىتى تېز كۆرىلىدۇ، لېكىن ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىدا كۆپ ئەھۋاللاردا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، ھەتتا ھېچقانداق بىئاراملىقلارمۇ كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭلاشقا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ، ئۇنداقتا ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؟

  1. ماغدۇرسىزلىنىش

جىگەر ئادەم بەدىنىنىڭ چوڭ زاۋۇتى، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى ئاساسلىقى جىگەرگە تايىنىدۇ، ئەگەر جىگەر ياللۇغى پەيدا بولسا، جىگەرنىڭ خىزمىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بەدەن يېتەرلىك ئېنېرگىيەگە ئېرىشەلمەيدۇ، نەتىجىدە ئادەم ئاسانلا چارچايدىغان بولۇپ قالىدۇ، جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، بەدەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

2. ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ

جىگەر بەدەندىكى چوڭ ھەزىم قىلىش ئەزاسى، كۆپ قىسىم جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، مايلىق تاماقتىن بىزار بولۇش ئالامەتلىرى ۋە باشقا ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، ھەتتا بەزىلەردە كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، قورسىقى كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، جىگەر ياللۇغى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بىمارلاردا قورسىقى كۆپۈش ئالامىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

3. قىزىش

ۋىرۇس خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا قىزىش ئەھۋالى كۆپرەك كۆرىلىدۇ، ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتتا قىزىش، قايتا-قايتا ئۇزۇن مەزگىل قىزىش ئالامىتى كۆرىلىدۇ، جىگەر ياللۇغى ۋاقىتدا تىزگىنلەنمىگەندە جىگەر قېتىشىش پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كېسەللىك ئالامىتى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

4. جىگەر ئورنى ئاغرىش ياكى بىئارام بولۇش

جىگەر ياللۇغى پەيدا بولغاندا جىگەرنىڭ ئورنى بىئارام بولۇش ۋە قاتتىق ئاغرىش ئالامىتى كۆرىلىدۇ، ئادەتتە قورساقنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرەپ ياكى دۈمبە قىسمىنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرەپ ئاغرىش ئالامىتى كۆرىلىدۇ، بەزىلەردە جىگەر ئورنى كۆپۈپ ئاغرىش، يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرىلدۇ، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش قارىغۇلارچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

5. سېرىق پەيدا بولۇش

بەدەندە سېرىق پەيدا بولۇش چوقۇم جىگەر ياللۇغىنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكىم باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن سېرىق پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن سېرىق پەيدا بولغاندا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سېرىق بولسا ئۇنداقتا جىگەر ياللۇغىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، جىگەر ياللۇغى ئېغىرلىشپ كەتكەندە سېرىق پەيدا بولۇشتىن باشقا يەنە قورساق كۆپۈش، سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولۇش ھەتتا سۈيدۈك كەلمەسلىك، بەدەننىڭ ئاستىنقى قىسمى ئىششىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى