ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ بۇ تۈردىكى تارقىلىش يوللىرىدىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك
1) قان ئارقىلىق تارقىلىش: ئەگەر تېرىدە يارا ئېغىزى بولسا، شۇنداقلا ئېھتىياتسىزلىقتىن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگەن بىمارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا ياكى كېلىش مەنبەسى ئېنىقسىز قاننى ئىشلەتكەندە، يۇقۇملىنىش خەۋپى ئارتىشى مۇمكىن.
2) جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىش يولى قايسىلار دېگەن بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنغاندا، ئەگەر جىنسىي ھەمراھنىڭ قايسى بىرى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرسە، ئۇنداقتا جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا مۇكەممەل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغاندا، قارشى تەرەپ ئاسانلا يۇقۇملىنىش مۇمكىن.
3) تېببىي مەنبەلىك تارقىلىش: ئەگەر مۇنتىزىم بولمىغان كىچىك ئامبولاتورىيەرلەرگە بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا، ئۇنداقتا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ بولغان ياكى پۈتۈنلەي دېزىنفىكسىيەلەنمىگەن تېببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىن.
4) ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىش: ئەگەر ھامىلدار ئانا ب تىپلىق جىگەر ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرسە، ئۇنداقتا ھامىلە ئانىنىڭ قېنى ئارقىلىق ھەتتا تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئېمىتىشمۇ بىر خىل تارقىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ.
5) تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق تارقىلىش: ئەگەر ئادەتتە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ چوكا-چىنلىرىنى ئايرىشقا دىققەت قىلماي، ھەتتا يۇقۇملانغان چىش چوتكىسى، ساقالئالغۇچ قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتسىمۇ يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولۇشى مۇمكىن.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ، شۇڭا ھەربىرەيلەننىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئۇرغۇزۇپ، ئۆز ساغلاملىقىنى ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى، ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.