ساغلاملىق

جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى سامساق يېمەسلىكى كېرەك

جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى سامساق يېمەسلىكى كېرەك

ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر سامساق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ دەپ قارايدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.
سامساقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق بولۇپ، يەلنى ھەيدەش، زەھەرنى قايتۇرۇپ قۇرت ئۆلتۈرۈش قاتارلىق دورىلىق ئۈنۈمگە ئىگە، جۇڭيى تېبابىتىدە سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، تولغاق، كۆك يۆتەل، غەلۋىرەكتىن زەھەرلىنىش، باش تەمرەتكىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھازىرقى زامان تېببىي دورىلار تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، سامساقنىڭ تەركىبىدە زەمبۇرۇغ ۋە باكتېرىيىگە قارشى كۈچلۈك تەركىب بولۇپ، بوغما، تولغاق، كېزىك، تۇبېركۇليۇز قاتارلىق كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ ياكى ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا كېلىنكىدا باكتېرىيىلىك تولغاق، ئامىبالىق تولغاق، تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن ياللۇغى قاتارلىق مۇناسىپ كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ناھايىتى ياخشى شىپا بولىدۇ، لېكىن تا بۈگۈنگىچە سامساقنىڭ جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رولىنىڭ بارلىقى بايقالمىدى. ئەكسىچە، سامساقنىڭ بەزى تەركىبلىرى ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش فېرمىنتلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشنى تىزگىنلەپ، ئىشتىھا ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىق قىلىنىشىچە، ئۇچۇچان سامساق مېيى قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ھىموگلوبىنلارنى ئازايتىپ، قان ئازلىقنى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇلار جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىغا ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كېلىشگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
جۇڭيى تېبابىتىدە سامساقتىن پەرھىز تۇتىدىغان ئوبيېكتلارغا قارىتا چۈشەنچىلەر بار: سامساق ئومۇمەن ئۆپكە ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى بولغان، جىگەر ۋە بۆرىكىدە ياللۇغى بار ئاجىز كىشىلەرگە باب كەلمەيدۇ، سامساق يەلنى تارقىتىدۇ، ئىسسىقنى ئاشۇرۋېتىدۇ، بۇنى ئۇزۇنغۇچە ئىستىمال قىلسا جىگەر ۋە كۆزگە زىيان قىلىدۇ، دىيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرگە سامساقنى ئاز ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى