مامكاپنى دەملەپ ئىچسە جىگەر ياللۇغىنى ساقايتالامدۇ؟
مامكاپنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈپ باققان، ئەتىيازدا ياۋا كۆكتات يەيدىغان مەزگىلدە، مامكاپنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ شامالغا ئەگىشىپ توزۇيدىغان يۇمىلاق شەكىللىك توزغىقى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەسلىمىلىرىدىن ئورۇن ئالغان.
مامكاپ قارىماققا ئىنتايىن گۈزەل، ئۇ كىشىلەر كۆڭۈل ئاچىدىغان ياۋا كۆكتات. تېخىمۇ قىممەتلىك يېرى شۇكى، مامكاپنى ئېلىپ ئوينىغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىك ئورنىدا يېگىلى بولىدۇ. يېڭى مامكاپنى ئۈزۈپ، ئۇنى كۆكتات ئورنىدا يېيىش، ئىسسىق سۇدا قايناتقاندىن كېيىن سوغۇق سەي قىلىش ياكى قورۇپ يېيىش، قىيما قىلىش قاتارلىقلارنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرىدۇ. يېڭى مامكاپنى يېيەلمەيدىغان پەسىللەردىمۇ، مامكاپنى قۇرۇتۇپ قويۇپ، چاي دەملەپ ئىچسىمۇ ياكى شورپا قايناتسىمۇ بولىدۇ.
بەزىلەر مامكاپ تەملىك بولۇپلا قالماي، كۈتۈنۈشتىكى ئۈنۈمىمۇ ياخشى دەپ قارايدۇ، ئەگەر تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ئادىتى بار كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت مامكاپ چېيى ئىچسە جىگەردىكى زەھەرنى قايتۇرۇپ جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئالدى بىلەن، كۆپچىلىك جىگەر ياللۇغى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، كىشىلەر كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، جىگەردە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ. جىگەر ياللۇغىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى ۋە غەيرىي يۇقۇملىنىشچان جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار.
بۇ يەنە كۆپچىلىككە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغان ئىسپىرتلىق جىگەر ياللۇغى، ئاددىي خاراكتېرلىك جىگەرنى ماي قاپلايدىغان جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار جىگەر ساغلاملىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ خىل كېسەللىكلەر يەنە جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكى قاتارلىقلارغا ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
مامكاپ چېيى ئىچسە جىگەر ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ ھازىرقى تەتقىقاتتا مامكاپ چېيىنىڭ جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشتىكى پايدىلىق تەرەپلىرى بايقالمىدى، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، مامكاپ دورا ماتېرىيالى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ، جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، داۋالاش دورىلىرىدىمۇ مامكاپ خۇرۇچ قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مامكاپ بىر خىل دورا مەنبەلىك يېمەكلىك بولسىمۇ، پەقەت مۇشۇ بىر خىل يېمەكلىككىلا تايانسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. مامكاپ چېيىنىڭ پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ئۇ ئىششىقنى ياندۇرۇپ، تۈگۈننى تارقىتىپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئۇنى ئادەتتىكى يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلەتسە بولىدۇ.
يەنە مامكاپ چېيىنى ئىچىشتىمۇ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىش كېرەك، مەسىلەن، ئەنئەنىۋى جۇڭيى تېبابىتىدە مامكاپ سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ، سوغۇق بەدەن سۈپىتى ۋە ئاشقازان-ئۈچەي زەئىپلىشىپ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەگەر سىزدە بۇنداق ئەھۋال بولمىسا، مۇۋاپىق مىقداردا مامكاپ چېيى ئىچسىڭىز بولىدۇ.
ھەقىقىي جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەرمۇ مامكاپ چېيىنى ئىچتىم دەپ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكى، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا يەنە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇشى كېرەك، مەسىلەن، بۆرەك ئىقتىدارى، CT قاتارلىقلار.