ساغلاملىق

بەدىنىڭىزدە راك بولسا پۇتىڭىزدا ئايان بولىدۇ

پۇت تېلىپ ئاغرىش، پۇت ئىششىش ئەھۋاللىرى بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەردە كۆرۈلۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا توغرا كېلىدىغان كىشىلەردە، ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ياكى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ ئىشلەيدىغان كىشىلەر توپىدا پۇت قىسمى بىئارام بولۇش ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەممىمىز ئەمگەكچى خەلق تۇرساق، كىمدىمۇ كىچىك كېسەل بولمىسۇن دەيسىز؟

بەدىنىڭىزدە راك بولسا پۇتىڭىزدا ئايان بولىدۇ

كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، پۇتتا مۇسكۇل، قان تومۇر ۋە سۆڭەكلەردىن باشقا نەرسە يوق، مۇھىم ئەزالار بولمىغاچقا، شۇڭا ئېغىر كېسەلمۇ پەيدا بولمايدۇ، پۇت-قول ئاغرىش مۇشۇ توقۇلمىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن، خالاس، دەپ قارىشىدۇ.
لېكىن كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار، ئەگەر ئېنىق ئامىل بولمىغان، پۇتى بىئارام بولۇش كۆرۈلسە، ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرتكۈچىسى بىر خىل ئېغىر، ئەجەللىك كېسەل: ئۇ بولسىمۇ راك كېسىلى!

كلىنىكىدا راك كېسىلى بەدەندىكى ھۈجەيرە گېنى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى مەھسۇلات بولۇپ، ھۈجەيرىلەر تارقالغان ھەرقانداق جايدا راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
بىراق، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ بىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا ئىچكى ئەزالارنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى، جىگەر راكى قاتارلىقلار.
راك كېسىلى ھۇجۇم قىلىش، ئېزىش ۋە يۆتكىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، راك كېسىلى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، بىماردا باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ھەتتا راك كېسىلىنىڭ بېسىش ۋە يۆتكىلىش سەۋەبىدىن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئورۇن راكقا ئۆزگەرگەن ئورۇن ئەمەس!

بەدىنىڭىزدە راك بولسا پۇتىڭىزدا ئايان بولىدۇ

ئەگەر يېقىنقى مەزگىلدە پۇتتا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، راك كېسىلىنىڭ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئېھتىيات قىلىڭ.

1 پۇت بەك ئاغرىش: يېقىندا تۇيۇقسىز بىنورمال پۇتى ئاغرىسا، لېكىن بوغۇمنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يەتمىگەن بولسا، دورا ئىشلىتىش ۋە ئارام ئېلىشتىن كېيىن، ئاغرىق پەسەيمىسە، بۇ ۋاقىتتا ئېنىق بولغان كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش، بولۇپمۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك.

بەدىنىڭىزدە راك بولسا پۇتىڭىزدا ئايان بولىدۇ

چۈنكى راك كېسىلى تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئاسانلا سۆڭەككە يۆتكىلىش پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۆپكە راكى، جىگەر راكى قاتارلىقلارنىڭ سۆڭەككە يۆتكىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

سۆڭەككە يۆتكىلىش پەيدا بولغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ سۆڭەك ماددىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، راك ھۈجەيرىسى يەنە بىر خىل ياكى كۆپ خىل پولىپېپتىد ھورمون، ھورمون تۈرىدىكى ماددىلارنى پەيدا قىلىپ، نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، ئومۇرتقا رېفلېكسلىق پۇت ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ؛

2. سەۋەپسىز پۇت ئىششىپ قېلىش: پۇتنىڭ ئىششىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، يەنى ئۇزاق ئولتۇرۇش ياكى ئۇزۇن تۇرۇش، ئىچىدىغان سۇ مىقدارى كۆپ بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەگەر يېقىندا تۇيۇقسىز پۇتتا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن پۇتىنىڭ چوڭقۇر ۋېنادىكى قان نوكچىسى، بۆرەك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئويلىشىش كېرەك، ئاندىن قالسا راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك.

بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن راك يوغىناش جەريانىدا پۇتتىكى قان تومۇرلارنى بېسىۋېلىپ، قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئارقىدىنلا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، راك كېسىلىمۇ تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسىدا قان نوكچىسى پەيدا قىلىدۇ. راك پەيدا قىلغان ماددىلاردىن قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلار بىرلىشىپ قان تومۇرغا كىرگەندە پۇت ئىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. پاقالچاق ئادەتتىن تاشقىرى يوغىناش: مەسىلەن: بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان سۆڭەك-گۆش ئۆسمىسى، بۇ خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ تۇنجى پەيدا بولۇش ئالامىتى، پاقالچاق قىسمىدا بىنورمال ئىششىپ قېلىش ۋە يوغىناش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر يېقىندا يىرىق قىسمى بىنورمال ئىششىپ كېتىش، ئاغرىماسلىق خاراكتېرلىك لىمفا تۈگۈنى پەيدا بولسا، بەلكىم لىمفا راكى، راكنىڭ لىمفا تۈگۈنىگە يۆتكىلىش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن؛

 

بەدىنىڭىزدە راك بولسا پۇتىڭىزدا ئايان بولىدۇ

مەسىلەن: مەزى بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە راك ھۈجەيرىسى لىمفا تۈگۈنى قىسمىغا يۆتكېلىپ، لىمفا تۈگۈنىنى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭايتىپ قويىدۇ.

يۇقىرىقى ئۈچ نورمالسىز پۇتنىڭ ئىپادىسى راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن كېسەلگە بىۋاسىتە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر يېقىنقى مەزگىلدە ئۇزاق مۇددەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ئۆزى ھەم كېسەللىك سەۋەبىنى تاپالمىسا ياكى ئىلگىرىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن ياخشىلىنىش بولمىسا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرۈش قىلىپ، تۈپ سەۋەبىنى تېپىپ، قايتا داۋالاشنى باشلاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى