قىستۇرماۋوردپرەس

ساندان تازىلىغۇچ

سالام تورداش:

ۋوردپرەسنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ساندان چوڭلاپ توربىكەتنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا سانداننى پات-پات تازلاپ تۇرىشىمىز كېرەك ! بىراق قانداق تازلايمىز ؟ phpmyadmin دىنمۇ نېمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق ! ئادەتتە phpmyadmin نى كۆپىنچىمىز پىششىق بىلمەيدىكەنمىز (مەنمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە ) مەن بۇ phpmyadmin نى نەچچە ئويناپ سانداننى بۇزۇپ ئانامانىسىنى چىقىرىۋەتتىم يا قولۇمدا زاپاسلانغان ساندان يوق يا ئوڭشىىغۇدەك سەۋىيە يوق يەنە شۇ قايتىدىن يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم ھەمدە phpmyadmin قا قارىتا ئېھتىياتچان بولدۇم بەلكىم باشقىلارمۇ مەندەك ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇققانلارمۇ باردۇ  شۇ سەۋەپ مەنمۇ توردىن بىخەتەر ئۇسۇل بارمىدۇ دەپ كۆپ ئىزدەندىم ھەمدە مەلۇم نەتىجىگىمۇ ئېرىشتىم شۇڭا بۇ نەتىجىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى ! بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم ساندان تازلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قىستۇمىسى بۇ قىستۇرما سانداندىكى زۆرۈر بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى تازلايدۇ ھەم سانداننى ئەلالاشتۇرالايدۇ.

قىستۇرمىنىڭ ئورگان ئۇچۇرى:

نامى: Easy Wp Cleaner

تىلى: English

ئاپتورى: Nikunj Soni

ئورگان تورى: www.nikunjsoni.co.in

قىستۇرمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇرى:

نامى: ساندان تازىلىغۇچ

تىلى: ئۇيغۇرچە

تەرجىمان: بىلبىلىك

ئۇيغۇرچە تورى: Www.BilBilik.Com


بۇ قىستۇرمىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى سانداندىكى زۆرۈر بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى تازلايدۇ ھەم سانداننى ئەلالاشتۇرالايدۇ. ئىشلىتىش ئاددى قولايلىق تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، ياردەم ئۇچۇرىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى شۇڭا ئىشلىتىشتە ئازراقمۇ قىينالمايسىز. مەن ئۆزۈم بىر پروگرامما ئۇستىسى ياكى كەسپى تەرجىمانمۇ ئەمەس ئېنگىلىسچە سەۋىيەممۇ تۆۋەن ، پەقەت بىر ئاددىي ھەۋەسكارمەن شۇڭا بۇ ئەمگىكىمدە ئۆزۈم بايقىيالمىغان نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن ، ئەگەردە تورداشلار بايقىغان بولسا تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن . ھەمدە سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن ! 

قىستۇرمىدىن ئارىيە:

چۈشۈرۈش

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى