تەرمىلەر

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

يېقىندا ھەممە جايدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، كىشىلەر مامۇق چاپان ۋە پاختىلىق چاپان كىيىپ سوغۇقتىن ساقلاندى، شاڭخەيدىكى مېترودا كىشىنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈش يۈز بەردى.

 

قىز مېتروغا چىقىپ ئولتۇرغان پەيتتە كىيىۋالغان مامۇق كىيىمىنىڭ بىر بۇرجىكى تۇيۇقسىز تىتىلىپ كەتتى.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

ئاق مامۇق مېترودا لەيلەپ تۆكۈلدى، يېنىدا ئولتۇرغان يىگىتنىڭمۇ ئۈستىبېشىغا ئاق مامۇق چاپلاشتى.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

بۇنى سىنغا ئالغۇچى لۇ خانىم مۇنداق دېدى: ئەسلىدە يىگىتنى قىزغا ياردەم قىلار، گۈزەل مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالار دەپ ئويلىغان، نەتىجە بولسا يىگىت بىر تەرەپتىن ئۇستىبېشىنى قېقىپ بىر تەرەپتىن يىراققا بېرىپ ئولتۇرغان.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

قىز بولسا تىرىشىپ مامۇقلارنى تەرمەكچى بولغان، لېكىن مېترو قوزغالغاچقا مامۇقلار تۆكۈلۈپ تېرىشكە ئامال بولماي قالدى.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

سىن توردا تارقىتىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىنكاسلار چىقتى.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

مامۇق كىيىم تۇيۇقسىز كېڭەيگەندە پەيدا بولغان ھاۋا ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىلماي قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرغاق نىلون رەخت بىلەن مامۇق ئوتتۇرىسىدىكى پەيدا بولغان زەرەتنىڭ تەسىرىدە پارتلاش يۈز بېرىدۇ، شۇڭا دىققەت قىلىش لازىم.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

سوغۇق قىشتا مامۇق كىيىم توغرىسىدىكى بۇ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىلىۋېلىشىڭىز زۆرۈردۇر! بەزى ئەھۋالدا سەل دىققەت قىلمىسىڭىزلا پارتلاش يۈز بېرىدۇ. مامۇق چاپان ئاشخانا ئۆيدە بەلگىلىك قويۇقلۇقتىكى كاربون چالا ئوكسىدقا يولۇققاندا پارتلايدۇ.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

قىشتا ھاۋا رايى بىرقەدەر قۇرغاق بولىدۇ، مامۇق چاپان بىلەن باشقا جىسىملار سۈركەلگەندە زەرەتلىنىدۇ، ئەگەر كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىش ئەھۋالىغا يولۇققاندا بولسا پارتلاش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا مامۇق كىيىم كىيىپ ئاشخانا ۋە ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق جايلارغا بارغاندا چوقۇم ئېھتىيات قىلىش لازىم.

مامۇق چاپاننى كىرئالغۇدا قۇرۇتقاندا پارتلىشى مۇمكىن.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

يۇيغاندا مامۇق ئاسانلا بىر يەرگە يىغىلىۋالىدۇ، رەختنىڭ شامال ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار بولغاچقا مامۇق چاپان ئىچىدە بوشلۇق پەيدا بولىدۇ. كىرئالغۇدا يۇقىرى سۈرئەتتە قۇرۇتۇلغاندا مامۇق ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، كۆپ مىقتاردىكى ھاۋا ۋاقتىدا سىرتقا چىقالماي قىسقا ۋاقىتتا كىرئالغۇنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ، كىرئالغۇنىڭ ئىچكى بوشلۇقى يېپىق ھەم چەكلىك بولغاچقا ھاۋا كېڭىيىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە كىرئالغۇنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئاشقاندا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا مامۇق چاپان يۇيغاندا مەخسۇس مامۇق چاپان يۇيۇدىغان كىرئالغۇدا يۇيۇش لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا پارتلاشتەك خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: قۇرۇتقاندا ئەڭ ياخشىسى مامۇق چاپاننى تور خالتا ئىچىگە سېلىش، ئارتۇقچە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

مامۇق چاپان ئوتقا يولۇققاندا كۆيىدۇ.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەنگەن، يەنى مامۇق چاپاننى سۈنئىي ئادەم مودېلىغا كىيگۈزۈپ چاقماق بىلەن مامۇق چاپاننىڭ بىر بۈرجىكىگە ئوت تۇتاشتۇرغان ھامان مامۇق چاپان دەرھال كۆيگەن، ئوت بارغانسېرى كېڭىيىپ ماڭغان، بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا سۈنئىي مودېلنىڭ تېنىغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كۆيۈش سۈرئىتى بەك تېز بولغان، كۆيگەندە ئادەم يۈگۈرگەن ھامان شامال پەيدا بولۇپ چاپاننىڭ كۆيۈش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بەدەنگە ئوت تۇتاشقاندا دەرھال كىيىمنى يېشىپ تاشلاپ ئوتنى ئۆچۈرۈش لازىم، كىيىمنى يېشىشقا ئۈلگۈرمىگەندە ئىككى قول بىلەن يۈزنى قوغداپ يەردە دومىلاش لازىم.

كىچىك بالىلار مامۇق چاپان كىيىپ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغاندا ئاسانلا سىلكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

ماشىنىدىكى بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياسالغان، لېكىن مامۇق چاپان كىيىپ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغاندا ئاسانلا سىلكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنىڭ رولى بولماي قالىدۇ! خۇنەن تېلىۋېزىيەسىنىڭ مەلۇم پروگراممىسى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: بەدەن ئىگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى بىر ياشلىق بوۋاقنىڭكىگە ئوخشاش ئىككى سۈنئىي ئادەم مودېلىنى بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىغا مۇقىملاشتۇرۇپ بىرىگە مامۇق چاپان كىيگۈزۈپ يەنە بىرىگە كىيگۈزمىگەن. نەتىجىدە ماشىنا تامغا سوقۇلغاندا مامۇق چاپان كىيگەن سۈنئىي ئادەم ئورۇندۇقتىن چىقىپ كەتكەن، بېشى پەسكە ساڭگىلاپ قالغان؛ ئوخشاش سۈرئەتتە سوقۇلغاندا مامۇق چاپان كىيمىگەن سۈنئىي ئادەم بولسا ئورۇندۇقتا ھېچ ئىش بولمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى چۈنكى بالا بىرقەدەر قېلىن مامۇق چاپان كىيگەندە ئولتۇرۇش ھالىتىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، مۈرىسىنىڭ ئىگىزلىكىمۇ ئاشىدۇ. ماشىنا تاسسادىپىي ئەھۋالغا يولۇققاندا كۈچلۈك سوقۇلۇش نەتىجىسىدە كىيىم مۇقىملاشتۇرۇلغان بىلەن بالا خۇددى چىنىدىكى پوستى سويۇلغان تۇخۇمغا ئوخشاش سوقۇلۇش نەتىجىسىدە سىيرىلىپ چىقىپ كېتىدۇ، ھەم ئومۇرۇتقا، باش يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ! شۇڭا بالىنى بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزغاندا مامۇق چاپاننى يېشىۋېتىش، بۇ ھەقىقىي بىخەتەرلىكدۇر.

بالىلار بۆكىدە يىپى بار مامۇق چاپان كىيسە ئەجەللىك خەۋپ تۇغۇلۇشى مۇمكىن.

مامۇق چاپاننىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىلەمسىز؟

بۆكە يىپىنىڭ تارتىش كۈچى تەجرىبىسى: كۈچ سىناش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلىپ بىر ئۇچى بۆكە يىپىغا تۇتاشتۇرۇلغان، يەنە بىر ئۇچىغا يىپ ئۇلاپ سېيرىلما شوتا يوچۇقىغا قىسىپ قويۇلغان. بۇ ئارقىلىق بۆكە يىپى تارتىلغاندىكى كۈچنىڭ چوڭ-كىچىكىلىكى ئۆلچەنگەن، نەتىجىدىن ئايان بولۇشىچە، يىپ تۇيۇقسىز قىسىلغاندىن كېيىن يىپ ئۇچرىغان كۈچ 680 نيۇتون ئەتراپىدا بولۇپ 70 كىلوگرامغا باراۋەر بولغان، بۇ سۈنئىي بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ بەش ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. تەجرىبىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كىچىك دوستلار سۈنئىي ئادەمنىڭ كەينىدىن ئىتتىرگەن، بۇ چاغدا يىپ ئۇچرىغان كۈچ 1300 نيۇتون بولۇپ 140 كىلوگىرام كۈچ بىلەن باراۋەر بولۇپ بالا ئېغىرلىقىنىڭ 10 ھەسسسىگە توغرا كەلگەن. بۇنداق چوڭ كۈچ بىلەن شۇ چاغدىلا ئومۇرتقىنى زەخمىلەندۈرگىلى نەپەسنى قىسىپ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بالىغا ياقىسى ۋە بۆكىدە يىپى بار كىيىمنى كىيگۈزمەسلىك لازىم. بۇنداق كىيىمنى سېتىۋالغان بولسىڭىز يىپىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش لازىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى