تەبىئەت

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان

بۇ دۇنيا ھەر خىل غارايىباتلارغا تولغان، ھايۋاناتلار دۇنياسىمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

1. كالتە قۇيرۇق كېنگۇرۇ

كالتە قۇيرۇقلۇق پاكار (Setonix brachyurrus) ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك كېنگۇرۇ تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىگىزلىكى 60 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. كالتە قۇيرۇقلۇق پاكار كېنگۇرۇ خالتىلىقلار ئەترىتىدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، قارىماققا چاشقانغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىنىڭ سىرتىدىكى لوتنېس ئارىلىدا ياشايدۇ. ئۇ بۇدرۇق چىرايى ۋە «تاتلىق» تەبەسسۇمى ئارقىلىق «دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال ھايۋان» دەپ ئاتالغان. كالتە قۇيرۇق كېنگۇرۇنىڭ كەنجى تۈر ئايرىمىسى بولمايدۇ. ئۇ دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

2. قارابۇرۇنلۇق قوي

قارا بۇرۇنلۇق قوي شىۋىتسارىيەنىڭ ۋالەيىس رايونىدا يېتىشتۈرۈلگەن بىر خىل گۆش قويى نەسلى بولۇپ، مۇزلۇق تاغ ئۆچكىسى تۈرىگە تەۋە. تىك، ئوڭغۇل ـ دوڭغۇل تاغ باغرىدا ياشايدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى قارا رەڭلىك يۈزى. شۇ جايدىكى كىشىلەر قارا بۇرۇن قوي يېتىشتۈرۈشتە ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ گۆشىنى ئېستىمال قىلىش ۋە قوي يۇڭى يىغىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

3. ئامبىروزىيە چاشقىنى

ئامبىروزىيە چاشقىنى زېرەك، تېتىك، مۇلايىم، سېمىز ھەم ئوماق، قورقۇنچاق، ئاسان چۆچۈيدىغان بولۇپ، بەزىدە چىرقىراق ئاۋاز چىقىرىدۇ، قۇرغاق، پاكىز تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار يېيىشكە، ئۇخلاشقا ئامراق، بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى چوشقىلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېرى.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

4. قارا نىتجاك بۇغىسى

قارا نىتجاك بۇغىسى (Muntiacuss crinifroons) بۇغا ئائىلىسى، نىتجاك بۇغىسى ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، نىتجاك بۇغىسى تۈرىدىكى تېنى بىرقەدەر چوڭ تۈر. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 110~100 سانتىمېتىر، مۈرىسىنىڭ ئىگىزلىكى 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى 26~21 كىلوگىرام كېلىدۇ. قىشتا تۈكىنىڭ ئۈستى قىسمى تۇتۇق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇيرۇقى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە 20 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

5. شوتلاندىيە ئىگىزلىك كالىسى

شوتلاندىيە ئىگىزلىك كالىسى (kyloe) چوڭ تىپتىكى ئاچا تۇياقلىق ھايۋان، بىر خىل قەدىمىي تۈر، ئۇنىڭ تۈكلىرى قويۇق، مۈڭگۈزى ئۇزۇن، مىجەزى ئىتتىك، بەدىنى قاۋۇل. شوتلاندىيە ئىگىزلىك كالىسىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

6. ئۇزۇن بويۇن بۆكەن

ئۇزۇن بويۇن بۆكەن (Litocranius walleri)، بوبرا كېيىك بۆكەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى سومالى تىلىدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن كەلگەن. ئۇزۇن بويۇن بۆكەننىڭ ئېغىرلىقى 52 كىلوگرام، مۈرىسىنىڭ ئىگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ، تۆت پۇتى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، سەكرەش سۈرئىتى ناھايىتى تېز ھەمدە ھەرىكىتى ئىنتايىن گۈزەل. ئۇزۇن بويۇن بۆكەن قۇرغاق تىكەنلىك ئورمانلىقلاردا يالغۇز ياكى جۈپ بولۇپ ياشايدۇ، يەنە بەزىدە 6~7 چىشى بۆكەن بىر ئەركەك بۆكەننىڭ باشچىلىقىدا كىچىك توپ بولۇپ ياشايدۇ. ئۇزۇن بويۇن بۆكەننىڭ يېمەكلىكى ئاساسلىقى يۇمران دەرەخ يوپۇرمىقى، يوپۇرماق بىخى، گۈل غۇنچىسىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېرىق ئاكاتسىيە دەرىخىنىڭ يۇمران شاخلىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇزۇن بويۇن بۆكەن ئاساسلىقى شەرقىي ئافرىقىنىڭ سومالى، ئېفىئوپىيە، تانزانىيە، كېنىيە قاتارلىق قۇرغاق رايونلىرىغا تارقالغان.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

7. ئاسىيا تاپىرى

ئاسىيا تاپىرى (Tapirus indicus) مالاي تاپىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تاپىر تۈرىدىكىلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈر بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.8~2.5 مېتىر، مۈرە ئىگىزلىكى 90~120 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5~10 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 250~540 كىلوگرامغىچە كېلىدۇ. «بەش ئوخشىماس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۇرقى ئىنتايىن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق، ھاڭۋاقتى، بەدىنى يۇمىلاق ھەم قاۋۇل، تېرىسى ناھايىتى قېلىن، بوينى توم، تۇمشۇقى ئۇزۇن، سىلىندىر شەكىللىك، يۇمشاق ھەم ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، چىشىسى ئەركىكىدىن چوڭراق كېلىدۇ.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

8. سېرىق شايى تۈكلۈك مايمۇن

سېرىق شايى تۈكلۈك مايمۇن بىر خىل پرماتلار تۈرىدىكى ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىسمى بۇرۇنقى گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام Ⅱ گە ئوخشىغانلىقتىن شۇنداق قويۇلغان. بۇ خىل شايى تۈكلۈك مايمۇن غەربىي جەنۇبتىكى ئامازون ئويمانلىقى، شەرقىي پېرۇ، بولىۋىيەنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە بىرازىلىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئىسىىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشايدۇ.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

9. كوموندور ئىتى

كوموندور ئىتى ۋېنگرىيەنىڭ پۇشتا رايونىدا يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ئاق رەڭدە، تۈكلىرى ئارغامچا شەكلىدە ئۆسىدۇ. يۈگۈرۈش ھالىتى ھەرىكەتچان پول سۈرتكۈچكە ئوخشغاچقا، بەزىدە ئۇنى «پول سۈرتكۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

10. كابۇل ئوۋ ئىتى

كابۇل ئوۋ ئىتى بىر خىل قەدىمىي ئىت تۈرى. 4000 يىل ئىلگىرىكى نۇرغۇن خاتىرىلەردە ئۇنىڭ رەسىملىرى بايقالغان. بۇ ئىتنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا شەرق رايونى بولۇپ، ئاھۇ، بۆرە، يىلپىز قاتارلىق يۈگۈرۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. كابۇل ئوۋ ئىتى 1886-يىلى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەگە چىقىپ، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ئوۋ ئىتى بولۇپ قالغان.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

11. ئۆردەكتۇمشۇق

ئۆردەكتۇمشۇق ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە تولۇق تەرەققىي قىلمىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ ئاغزى بىلەن پۇتى ئۆردەككە ئوخشايدۇ، بەدىنى بىلەن قۇيرۇقى قۇندۇزغا ئوخشايدۇ. ئۇ 25 مىليون يىل ئىلگىرىلا پەيدا بولغان، ھازىرغىچە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتىدۇ، ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز ھەم تارقىلىشى كىچىك بولغاچقا، كەنجى تۈرى ھازىرچە بايقالمىدى.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

12. سىكاتى بېلىقى يۇمشاق سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپىغا تەۋە بولۇپ، كۆپ خىل ياپىلاق تەنلىك يۇمشاق سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامى. دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم سۇ رايونلىرىغا تارقالغان، ئىككى كەنجى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي سەككىز ئائىلە، تەخمىنەن 49 ئۇرۇقداش، 315 كىچىك تۈرى بار.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

13. كالۋا سەككىز ئاياغ بېلىق

كالۋا سەككىز ئاياغنىڭ بېشى ئاپلىسىنغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ سەزگۈ مۈڭگۈزچىلىرى بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

14. ئانگورا

ئانگورا (Angora) توشقىنى دۇنياغا داڭلىق يۇڭلۇق توشقان نەسلى بولۇپ، ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقاننىڭ بىر خىلى. خەلقئارا ARBA تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئانگورا توشقىنىنى فىرانسىيەلىكلەر يېتىشتۈرگەن، تۈكلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ، ئانگورا ئۆچكىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئانگورا توشقىنى دەپ ئاتالغان. فىرانسىيە خان جەمەتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇنى ئەرمەك ھايۋان قىلغاچقا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياۋروپادا كەڭ تارقالغان. ئانگورا توشقىنى ئامېرىكىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغان، ئېلىمىزگە بولسا 1926-يىلى كىرگەن.

سىز كۆرۈپ باقمىغان 50 خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان (1)

15. سىبىرىيە مۈشۈكى

سىبىرىيە مۈشۈكى، يەنە سىبىرىيە ئورمان مۈشۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مۈشۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپكى يېزىق خاتىرىسى11- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. سىبىرىيە مۈشۈكى روسىيە بازىرى ۋە سىبىرىيە يېزىلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان مۈشۈك. سىبېرىيە مۈشۈكى تەبىئىي مۇھىتى ناچار رۇسىيەدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن بەدىنىنى ئۇزۇن تۈكلەر قاپلاپ كەتكەن، ھەتتا بويۇن ئەتراپىدىمۇ قېلىن يۇڭ ياقىلىرى بولىدۇ. ئېغىرلىقى 9 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، ئەڭ چوڭ مۈشۈك سورتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى