ئاشقازانغا زىيانلىق بەش خىل يېمەكلىك
رىقابەت جەمئىيىتىدە كىشىلەردە ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى شەكىللەندى، مەسىلەن، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش ياكى بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا، نورمىلىق يېمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، نەتىجىدە ئاشقازان كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى يىلدىن-يىلغا ئۆرلىتىۋېتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا شوۋىگۈرۈچ، سودا پىرەنىكى ۋە تاتلىقبەرەنگى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يېمەكلىكلەر ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ دەيدىغان سۆز كەڭ تارقالغان. ئەمما بۇ يېمەكلىكلەر ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرىدۇ.
ئۇنداقتا ئاشقازانغا زىيانلىق يېمەكلىكلەردىن قايسىلار بار؟
1. تاتلىقبەرەنگى
جۇڭگو تېبابىتىدە ئاشقازان ئىسسىقنى ياقتۇرىدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بەزىلەر تاتلىقبەرەنگىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازاننى ئىللىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە، شۇڭا ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاشقازاننى ئىللىتىش بىلەن ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇم بولۇپ، ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر تاتلىقبەرەنگى يېگەندە بەدەندىكى بىئاراملىق تۇيغۇسى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئەكسىچە ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاتلىقبەرەنگىمۇ كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ، تەركىبىدىكى ئوكسىدازا ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ كىشىلەر تاتلىقبەرەنگى يېگەندە كىسلاتانىڭ يېنىشى ۋە ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈۋېتىدۇ. يەنە تاتلىقبەرەنگىنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى مول بولۇپ، تال ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى ياخشى كىشىلەر تاتلىقبەرەنگىنى يېسە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ لېكىن تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر تاتلىقبەرەنگى يېسە قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئاق ئۇماچ
ئاق ئۇماچ سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىك بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى كىراخمال، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولغاندا ياكى كۆپ مىقداردا گۆش يېگەندە ئاق ئۇماچ ئىچكەندە، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاشقازاننى ئىللىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ساغلام كىشىلەر ئۇزۇن مەزگىل ئاق ئۇماچ ئىچكەندە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنالماي، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈپ، يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق ئۇماچنى كۆپ چاينىمايلا يۇتۇۋەتكەندە، شۆلگەيدىكى كىراخمال فېرمېنتى دەسلەپكى قەدەمدە ھەزىم بولمايدۇ، ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلايدۇ، ئەگەر ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا ۋە يېنىش خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى بىمارلىرى ئەگەر ئاق ئۇماقچنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3. كالا سۈتى
بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچكەندىن كېيىن كىسلاتاغا قارشى تۇرۇش ۋە ئاشقازان كۆپۈش ۋاقتىنچە يېنىكلەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئىسسىق سۈت ئىچسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ. ئىسسىق كالا سۈتى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ۋاقتىنچە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىپ، ئاشقازان كۆپۈش ۋە كىسلاتا يېنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ. ئەمما، ئىسسىق سۈت ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سۈت ئىچكەندىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى %30 ئەتراپىدا ئېشىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
4. قىزىل چاي
چاي تەركىبىدىكى چاي پولىفېنولى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بىۋاسىتە غىدىقلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدىكى كوفېئىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ئاشقازىنى ناچار كىشىلەر ئاچ قورساققا قىزىل چاي ئىچسە بولمايدۇ.
ئاشقازان كېسىلىنى ئۈچ ئۈلۈش داۋالاش، يەتتە ئۈلۈش كۈتۈنۈش ئارقىلىق ياخشىلاش كېرەك، ئىشەنچسىز بولغان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم، پەقەت قانۇنىيەتلىك ھالدا ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش ئادىتىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېخىمۇ قانۇنىيەتلىك بولۇپ، ئاشقازان ئىقتىدارىنىڭ ماسلىشىشىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماق يېگەندە يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش ۋە پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ يېيىش كېرەك.