كاۋىنىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان يېڭىچە يېيىش ئۇسۇلى
كاۋىدا ئېتىلىدىغان نازۇ-نېمەتلىرى ھەر خىل بولۇپ، جۇڭگوچە ۋە غەربچىلىرى بار، بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز- كاۋا قېقى. كاۋىنىڭ قۇرۇتۇلۇشى بىلەن يەرلىك تاۋۇزنىڭ قۇرۇتۇلۇشى ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشلەش ئۇسۇلى ۋە بىر قانچە ئىش تەرتىپى بار، بۈگۈن كونكرېت ھالدا كۆپچىلىك بىلەن كاۋىنىڭ قۇرۇتىلىشىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىمىز، بۇنداق كاۋادىن ياسالغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرى ئۆيدىكى چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشىگە ئېرىشىدۇ.
كاۋا قېقى ياساشتا چوقۇم كونا كاۋىنى تاللاش كېرەك، ھەر قېتىم قانچىلىك ئېتىش ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن بولىدۇ.
كاۋا قېقى – كېتەرلىك خام ئەشيا
كاۋا بىر تال، ئاش تۇزى بىر قوشۇق، شېكەر بىر قوشۇق، مۇچ بىر قوشۇق، نومى گۈرۈچ ئۇنى (糯米粉) ئىككى قوشۇق؛
ياساش ئۇسۇلى
1. تەييار بولغان كاۋىنىڭ پوستىنى تازىلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ يالپاقلايمىز، كاۋىنى بەك نېپىز كېسىۋەتمەيمىز، بەك نېپىز قىلىپ قۇرۇتساق، بەك قاتتىق بولۇپ قېلىپ يېيىشلىك بولمايدۇ؛
2. توغراپ بولغان كاۋىنى قۇرۇق ئورۇنغا تەكشى يېيىتىپ، سىرتقا قويۇپ ئىككى كۈن ئەتراپىدا ئاپتاپقا سالىمىز، كونكرېت ئەھۋالنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق بەلگىلىسەك بولىدۇ، بۇ بىرىنچى قېتىم ئاپتاپقا سېلىش بولۇپ، كاۋىنىڭ ئارتۇق سۇ تەركىبىنى يوقىتىش ئۈچۈن، بۇنىڭدا تېخىمۇ ئاسان ساقلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تەمىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
3. ئاپتاپقا سېلىنغان كاۋا روشەن ھالدا كىچىكلەپ، ئازلا قالىدۇ، ئاپتاپقا سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىككى قېتىم پاكىز يۇيۇش كېرەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كاۋىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سۇنى تازىلاش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچىدىن، كاۋىنى بەك قۇرۇتۋەتمەسلىك كېرەك، ئۈچىنچىدىن، سىرتقى يۈزىدە سەل سۇ مىقدارى بولسا، نومى گۈرۈچ تالقىنى بىلەن مۇچ تالقىنى تېخىمۇ ياخشى يېپىشىدۇ؛
4. پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن داسقا سېلىپ، بىر قوشۇق ئاش تۇزى، بىر قوشۇق ئاق شېكەر، بىر قوشۇق مۇچ سۈيى، بىر قوشۇق نومى گۈرۈچ ئۇنىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تېتىتقۇ بىلەن نومى ئۇنىنى تەكشى ئارلاشتۇرىمىز، بۇنداق ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن كاۋىنىڭ ئۆزىگە خاس تەمى بولىدۇ.
5. ياخشى ئارىلاشتۇرغان كاۋىلارنى قاسقانغا سېلىپ پىشۇرىمىز، 5-10 مىنۇت قايناتساقلا بولىدۇ، ئەگەر بىر قەدەر قېلىن يايغان بولساق، كۆپرەك دۈملەپ پىشۇرساق بولىدۇ.
6. دۈملەپ پىشۇرۇلغان كاۋىنى ئېلىپ بىر پارچە ماي سۈمۈرۈش قەغىزى ئۈستىگە قويساق بولىدۇ، ئاندىن كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇپ داۋاملىق ئاپتاپقا سېلىش كېرەك، ئاپتاپقا سالغاندا بىر قېتىم ئۆرۈپ، ئوڭ-تەتۈر ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاپتاپقا سېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەنە 1-2 كۈن ئەتراپىدا ئاپتاپقا سېلىپ يېسە بولىدۇ، بۇ ئىككىنچى قېتىم ئاپتاپقا سېلىش. ئىككىنچى قېتىم ئاپتاپقا قاقلىغاندا بەك قۇرۇتۇۋېتىش ھاجەتسىز، بولمىسا چايناش تەس بولۇپ قالىدۇ؛
7. ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان كاۋا مەززىلىك بولۇپ، چاينىغانسېرى لەززەتلىك بولىدۇ. ئەگەر سىزمۇ كاۋىغا ئامراق بولسىڭىز بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم بۇ خىل تەمنى ياقتۇرۇپ قالىسىز.
كاۋا قېقىنى ياساش ئۇسۇلىدىن خۇلاسە:
1. كاۋا قېقى ياسىماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ھاۋا رايىنى تەكشۈرۈپ، ئۇدا 3-4 كۈن ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرگە ئۇدۇللاڭ؛
2. بىر قېتىم ئاپتاپقا سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتاپقا سالماي، دۇخوپكىغا سالساقمۇ بولىدۇ، 150 گرادۇستا ئاۋۋال 10 مىنۇت، ئاندىن 120 گىرادوستا 15 مىنۇت قاقلىساقمۇ بولىدۇ.
3. نومى گۈرۈچ ئۇنى كاۋىنى تېخىمۇ تەملىك قىلىپ قۇرۇتىدۇ، نومى گۈرۈچىنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك ئىشلىتىپ، ھەربىر تال كاۋىنى تولۇق ئوراپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛