ساغلاملىق

تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئاچارچىلىق تەجرىبىسى

ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە كىشىلەر «ئاچلىقتىن توقلۇق يامان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتا.

دەرۋەقە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاشلىقنىڭ يېتىشمەسلىكى تارىخ كىتابلىرىغا پېچەتلىۋېتىلگەن ئاسارە-ئەتىقە بولۇپ قالدى. ئەگەر يەنە كىملەر ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ دەل تاماقتىن ئۆزىنى چەكلەپ ئورۇقلىماقچى بولغان كىشىلەردۇر. ھەر قېتىم بىللە تاماق يەپ، بىر نەچچە كاپام يېمەيلا قورسىقىم تويدى دەيدۇ، سىز سەمىمىيلىك بىلەن: «قورسىقىڭ راستتىنلا ئاچمىدىمۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، سىزگە: «ئاشقازىنىم كىچىك، راستتىنلا قورسىقىم ئاچمىدى» دەيدۇ.

تاماقنى ئازلىتىش زادى ياخشىمۇ ياكى يامانمۇ؟

تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئاچلىق سىنىقى

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى كېمىيىپ كەتكەنلىكتىن ۋە تاۋار ئوبوروتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قەھەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا ئاچارچىلىق ئۇرۇشتىنمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىدى. كىشىلەر ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك خەتەردىن خەۋەرسىز ئىدى، ئەينى چاغدا ياردەم بەرگۈچى پىدائىي ۋە دوختۇرلار بۇ ئاچ قالغان كىشىلەرگە قانداق ئۇسۇلدا ياردەم قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى.

ئۇزاق مەزگىللىك ئاچارچىلىقنىڭ ئادەمدە پەيدا قىلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق تەسىرىنى ئىگىلەش، شۇنداقلا ئاچ قالغان كىشىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن تەتقىقاتچىلار ۋە پىدائىيلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئاچارچىلىق تەجرىبىسىنى ئېلىپ باردى. تەجرىبىگە مىننېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىيولوگىيە سەھىيە تەجرىبىخانىسىدىكى دوكتور ئانسېل كەيس يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، مىننېسوتا ئاچارچىلىق تەجرىبىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مىننېسوتا ئاچارچىلىق سىنىقىغا قاتناشقۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

ئەڭ ئاخىرىدا تەجرىبىگە قاتناشقان 36 نەپەر ئەر پىدائىي قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئارقىلىق، بەدەن ساپاسى ۋە ئەقىل بۆلۈنمىسى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن سەل يۇقىرىلىرى تاللاندى. دوكتور كېس تەجرىبىنىڭ خەتىرى ۋە ئېنىقسىزلىقىنى كۆپ قېتىم چۈشەندۈرگەندىن كېيىنمۇ، ئۇلار يەنىلا سىناققا قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچارچىلىقنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش، ئاچارچىلىقنى يېڭىشكە بەل باغلىدى.

تەجرىبە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:

(1) ئۆلچەملەشتۈرۈش باسقۇچى، ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى 3200 كالورىيەلىك يېمەكلىككە ئېرىشىپ، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ نورمال ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛

(2) ئاچارچىلىق باسقۇچى، ئالتە ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى پەقەت 1800 كالورىيەلىك يېمەكلىككە ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە ئېغىرلىق چۈشۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ (ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىنى %25 ئازايتىش). ئېغىرلىق بويىچە يېمەكلىك تەمىنلەشنى تەڭشەيدۇ؛

(3) ئوزۇقلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچى، ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئېنېرگىيەنى تەڭشەش ئارقىلىق پىدائىيلارنى نورمال ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئىزدەيدۇ.

پۈتكۈل تەتقىقات جەريانىدا، پىدائىيلار تەجرىبىخانىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تاماملىشى كېرەك، مەكتەپنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ھەر كۈنى 3009 كالورىيەلىك ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ، ھەر ھەپتىدە 22 ئىنگلىز مىلى (35.4 كىلومېتىر) پىيادە ماڭىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ۋەزىپىنى تاماملىغان ياكى تاماملىمىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

بۇنى بىر مۇكەممەل ئورۇقلاش پىلانى دەپ قارامسىز؟ ھەربىر ئورۇقلىماقچى بولغان ئادەم تاماقتىن ئۆزىنى تارتىش ۋە ھەرىكەت قىلىشنى پىلانلايدۇ. تەجرىبىگە قاتناشقان بارلىق پىدائىيلار ۋە كۆپ قىسىم ئورۇقلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئوخشاش سىناق ۋە يېمەكلىك دائىرىسىدە بولىدۇ.

مىننېسوتا ئاچارچىلىق سىنىقى پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىدىغان تەشۋىقات ئېلانى

دەسلەپكى ئۈچ ئايدا پىدائىيلارنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى. ئۇلار مەكتەپ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى مۇۋاپىق سەرپ قىلىپ، دەرس ئۆتۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ساز چىلىش، مۇزىكىلىق تىياتىر ئاڭلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە نورمال ئىدى. ئاچارچىلىقنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەشۋىشمۇ ئاستا-ئاستا كېلىشكە باشلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇلار ھەر ھەپتىدە 2.5 قاداق (1.1 كىلوگرام) ئورۇقلىشى كېرەك بولۇپ، نىشانغا يېتەلمىگەن كىشىلەرگە تېخىمۇ ئاز يېمەكلىك بېرىلىدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە كېلەر ھەپتىلىك تاماق تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىكى قىياپىتىنى يوقاتقان، ھەر بىر ئادەم خۇددى نەتىجە قەغىزىدىن قورققاندەك تاماق تىزىملىكىدىن قورققان.

ئەينى چاغدا سىناققا قاتناشقان ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادە يوقاپ كەتكەن. قىزغىنلىق بارا-بارا ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تاقەتسىزلىك ۋە غەزەپ ئالغان. ياخشى دوستلارمۇ كۆزىگە سىغمايدىغان، ئەرزىمەس كىچىك ئىشلارغىمۇ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بولۇپ قالغان. ئەمما پىدائىيلارنىڭ كۈچلۈك ئۆزىنى كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ئۇرۇشنى ۋاقتىدا توختىتىپ، قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سورىغان.

بىر پىدائىي تەجرىبىدىن بۇرۇن (سولدا) ۋە تەجرىبىدە (ئوڭدا).

ئەمەلىيەتتە، ئۇرۇش-جېدەل دائىم يۈز بەرمەيدۇ. پىدائىيلار سىناق جەريانىدا ئىچ مىجەز، كەم سۆز، روھسىز بولۇپ قالدى، يېمەكلىكتىن باشقا ھېچقانداق ئىش ئۇلارنىڭ قەلبىدە داۋالغۇش پەيدا قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىمۇ ناچارلىشىپ، سۆڭەكلىرى تېرە ئاستىدىن بۆرتۈپ چىققان، يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 55 قېتىمدىن 35 قېتىمغا چۈشكەن، قان سىغىمچانلىقى %10 تۆۋەنلىگەن، يۈرىكىمۇ كىچىكلىگەن. ئۇلار يازدا ئەدىيالنىلا يىپىنچا قىلغاچقا، باش قىيىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالمىسى ئاقىرىپ، خۇددى فارفوردىن ياسالغاندەك بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ كۈچ ۋە چىدامچانلىقمۇ تۆۋەنلەپ. ئادەتتىكى ھەرىكەتنىمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان.

بۇ چاغدىكى پىدائىيلار ئەينى چاغدا تەجرىبىگە قاتناشقان چاغدىكى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلاردىن پەرقلىنەتتى. بۇ قېتىمقى ئاچارچىلىق تەجرىبىسىمۇ بىر «ئورۇقلاش پىلانى»دىن «دەھشەتلىك جازا»غا ئۆزگەردى.

تەڭداشسىز روھىي ئازاب

ئاچلىق ئېلىپ كەلگەن روھىي ئازابنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

بۇ كىشىلەر يېمەكلىككە بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. بەزىلەر تاماققا سۇ قۇيۇپ، تاماقنى تېخىمۇ كۆپ كۆرسەتمەكچى بولدى؛ بەزىلەر ئىنتايىن كىچىك بىر تال يېمەكلىكنى ئاغزىغا سېلىپ تەكرار تېتىدى؛ بەزىلەر تەخسىلەرنى يالاپ، ھېچقانداق يېمەكلىك ئىزى قالدۇرمىدى. ئۇلار سېغىز ۋە قارا قەھۋەگە تەلۋىلەرچە مەپتۇن بولۇپ، بەزىلەر بىر كۈندە 40 تالدىن ئارتۇق سېغىز چايناپ، 15 ئىستاكان قارا قەھۋە ئىچكەن. ئۇلار يېمەكلىككە ئاشىق بولغان ئىدى. باشقا بارلىق ئارزۇ-ئىستەكلەر يوقالدى، ئۇلاردا نە قىزىقىش خىيالىدا نە چىرايلىق قىزلار قالمىدى.

ئۇزۇن مەزگىل ئاچلىق سەۋەبىدىن پىدائىيلار ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالدى.

بەزىلەر ساختىلىق قىلىپ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نورمىدىن سىرت يېمەكلىككە ئېرىشتى. يەنە بەزىلەر ئادەم گۆشى يېگەن چۈشلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى. تەتقىقاتچىلار بۇ ئادەمگە قارتىلغان تەجرىبىنى دەرھال توختىتىپ روھىي جەھەتتىن داۋالاشنى باشلىدى. بەختكە يارىشا بىر نەچچە كۈن نورمال غىزالانغاندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلدى.

پىدائىيلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە ئوقۇش تارىخىنىڭ يۇقرىلىقى قارىماققا ئاچارچىلىقنى پەسەيتىشتە ھېچقانداق رول ئوينىمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار بۇ ئاچارچىلىقنى بىر مەيدان ئىبادەت ياكى كەسىپ دەپ قاراشنى تېخىمۇ خالايدۇ، ئۆگىنىش ۋە كىتاب ئوقۇش ئۇلارغا ئاچارچىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرالمايدۇ، ئۇلار پەقەت بۇ تەجرىبىنى تاماملاشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

پىدائىيلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوڭۇشلۇق تۆۋەنلىگەن ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 115.6 قاداق (تەخمىنەن 52.4 كىلوگىرام)، BMI (بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى) بولسا 16.4كە چۈشتى. ئۇلار ئىنتايىن ئاجىز، ئورۇق ھالغا چۈشۈپ قالسىمۇ لېكىن ھېچكىم ئۆزىنى نورمال ئەمەس دەپ قارىمىغاندەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنى بەك سېمىز دەپ ئويلايتتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئويى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ خيالى بەزى ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولسا كېرەك.

ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش

پىدائىيلارنىڭ كۈتكىنىدەك ئوزۇقلۇق ئەسلىگە كېلىش باسقۇچى ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئەمما كېس دوكتور ئۇلارنىڭ ئۆز كۆڭلى بويىچە يېمەكلىك قوبۇل قىلىشىغا يول قويمىغان. پىدائىيلار تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئاچارچىلىق باسقۇچىغا سېلىشتۇرغاندا 400، 800، 1200 ياكى 1600 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئارتۇق قوبۇل قىلدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇۋاپىق ئىسسىقلىق مىقدارىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت، ئەمما پىدائىيلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى ئەسلا كۆپەيمىگەن، ئۇلارنىڭ قورسىقى يەنىلا بەك ئېچىپ كەتكەن.

دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەنلىكتىن، ئىلگىرى ئاچلىق تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان سۇلۇق ئىششىق تەدرىجىي يوقالغان. پىدائىيلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يەنە تۆۋەنلەپ، بەزىلەر 99 قاداق (45 كىلوگرام) غا چۈشۈپ قالغان. بەدەن ئېغىرلىقى ۋە سالامەتلىكىمۇ ياخشىلانمىغان، بۇ ئەھۋال قارىماققا ئاچارچىلىق مەزگىلىدىكىدىنمۇ ناچار كۆرۈنىدۇ.

دوكتور كېس يەنە بىر قىسىم پىدائىيلارغا ۋىتامىن ياكى ئاقسىل تولۇقلاپ بەردى. لېكىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، بۇ تولۇقلىغۇچى دورىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ھېچقانداق رولى بولمىدى. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بولمىسا، ھەرقانداق قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى دورىلار كارغا كەلمەيدۇ. دوكتور كېسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكۈنى شۇكى، ئۇلار ئاچ-يالىڭاچلىق ھالىتىدىن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى تەخمىنەن 4000 كىلو كالورىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنداق كىشىلەر نورمال ئەھۋالغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىققا موھتاج.

تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، پىدائىيلار ئۆزىنىڭ بېشى قىيىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىق تۇيغۇسىنىڭ ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، روھىي ھالىتىنىڭمۇ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەن پىدائىيلار

ئۈچ ئاي ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، تەجرىبە ئاخىرلاشقاندا، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ «نورماللاشمىغانلىقى»غا قوشۇلدى. ئۇلار يەنىلا ئورۇق، تاماقنى ناھايىتى كۆپ يەيدۇ. ئۇلار يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تېتالمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ يېگۈسى كېلىدۇ، ئاخىرى جىق يېگەنلىكتىن ئاشقازىنى كۆپۈپ قۇسىدۇ، ئاندىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئاشقازىنىنى يۇيىدۇ.

بەزى پىدائىيلار كېس دوكتورغا ئۆزلىرىنىڭ چەكلىمىسىز ئەھۋالدا قانداق ئوزۇقلىنىدىغانلىقىنى داۋاملىق كۆزەتكۈزسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى كىشىلەر بىر كۈندە قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى 11 مىڭ 500 كىلو كالورىيەگە يەتكەن، لېكىن مەيلى قانچىلىك نەرسە يېسۇن، ئۇلار يەنىلا قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلغان.

ئاچلىق تۇيغۇسى نەچچە ئاي داۋاملاشقان، ئەمما يېمەكلىككە بولغان تەشۋىش تۇيغۇسى بولسا نەچچە يىل داۋاملاشقان. بىر قىسىم پىدائىيلار ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىكىنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ئاچلىق پىدائىيلارنىڭ پىسخىكىسىغا زىيان يەتكۈزمىگەن. نورمال ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خامۇشلۇقنى ئۆلچەش جەدۋىلىگە نومۇر قويۇشىمۇ نورماللاشقان.

ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان تۇيغۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مىننېسوتا ئاچارچىلىق تەجرىبىسى زىيادە رەھىمسىز ھەم ئىنسانىيەت ئېتىكىسىغا خىلاپ بولغاچقا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئاچارچىلىق تەجرىبىسى بولۇپ قالغان.

تەجرىبىگە قاتناشقان پىدائىيلار ئۇلۇغ بولۇپ، ئۇلار كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن تەجرىبىنى تاماملاپ، قىممەتلىك سانلىق مەلۇماتلار بىلەن بىزنى تەمىنلىدى. تاماقتىن ئۆزىنى چەكلەش جەريانىدا پىدائىيلار، تەتقىقاتچىلار فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرغان.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مەجبۇرىي ئورۇقلاش پەقەت ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئەتراپىدىكېلەرگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئادەم ئورۇقلاپلا چىرايلىق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئورۇقلاش سىنىقىغا قاتناشقان پىدائىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ سىز قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟

تېڭشۈن تورى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى