400 ياشلىق گىرېنلاند ئاكۇلاسى يېقىندا شىمالىي مۇز ئوكياندا بايقالدى
گىرېنلاندىيە مۈگدىگەك ئاكۇلاسىنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى يەتتە مېتىرغا يېتىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى چوڭ ئاق ئاكۇلادىن قېلىشمايدۇ. تەتقىقاتچىلار رادىيوئاكتىپ كاربون ئارقىلىق يىل ئۆلچەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ يېشىنى تەخمىنەن تۆت يۈز ياش دەپ بېكىتتى.
يېقىندا «تۆت يۈز ياشلىق گىرېنلاند ئاكۇلاسى» قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ تۆت يۈز ياشلىق گىرېنلاند ئاكۇلاسى يېقىندا شىمالىي مۇز ئوكياندا بايقالغان، ئۇ 1627-يىلىدىن باشلاپ دېڭىزدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئارقىدىنلا، ئالاقىدار تېمىلار تېز سۈرئەتتە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. يۇقىرىقى يىل سانى بويىچە، بۇ ئاكۇلا ئامېرىكا تارىخىدىن بىر يېرىم ئەسىر ئۇزۇن.
چېڭدۇ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى بۇ ھەققدە مۇنداق دېدى: گىرېنلاند ئاكۇلاسى ئاساسلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سوغۇق سۇ رايونىدا ياشايدۇ، كۆپىنچىسى گىرېنلاند بىلەن ئىسلاندىيە ئەتراپىغا تارقالغان، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئادەتتە 1km/h سۈرئەتتە سۇ ئۈزىدۇ، ئەمما ھەر يىلى پەقەت بىر سانتىمېتىر ئۆسىدۇ، 150 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن يېتىلىپ بولىدۇ. ئىككى، ئۈچ يۈز يىل ئاساسەن خالىغانچە ياشايدىغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋان.
ئەمەلىيەتتە، 2016 -يىلىلا چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ لەھەڭ ھەققىدە دوكلات قىلغان. تەتقىقاتچىلار رادىيوئاكتىپ كاربون ئارقىلىق يىل ئۆلچەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ يېشىنى تەخمىنەن تۆت يۈز ياش دەپ بېكىتتى. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ تەتقىقات «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان جانلىقلشۇناسى جۇلىيۇس نىلسېن (Julius Nielsen) مۇنداق دېگەن: بىز بىر خىل ئالاھىدە ھايۋان بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز، لېكىن مېنىڭچە بۇ تۈردىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەربىر ئادەم لەھەڭنىڭ يېشىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ، دېدى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بارلىق ھايۋانلار ئىچىدە پەقەت شىمالىي قۇتۇپ قۇلۇلىسىنىڭلا ئۆمرى تۆت يۈز يىلدىن ئاشىدىكەن، ئىلگىرى خەۋەر قىلىنىشىچە، 507 ياشلىق شىمالىي قۇتۇپ قۇلۇلىسى بايقالغان.
گىرېنلاندىيەدىكى مۈگدىگەك ئاكۇلا (ئىلمىي نامى: Somniosuss microcepphalus)نىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى يەتتە مېتىرغا يېتىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى چوڭ ئاق ئاكۇلادىن قېلىشمايدۇ. ئۇ ھەرىكىتىنىڭ ئاستا بولۇشى بىلەن مەشھۇر، ياشاش جايى باشقا لەھەڭلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ شىمالدا.
گىرېنلاند ۋە ئىسلاندىيە ئەتراپىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز رايونى، شىمالىي قۇتۇپ ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز تەۋەسىدىكى بىر مىڭ 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا بۇ خىل لەھەڭنىڭ ئىزىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما ئارگېنتىنادا ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىمۇ بۇ خىل لەھەڭ بايقالغان.