ساغلاملىق

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالدۇر قېرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

خوندرىئوسوما (线粒体) ئالتۇن رەڭدە بولىدۇ. ئۇلار ئېنېرگىيەلىك باتارىيە ھاسىل قىلىپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ ۋە ھاياتىنى ساقلايدۇ. تەتقىقاتچىلار خوندرىئوسوما ئۈستىدە بىر مەزگىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان، چۈنكى بۇ ھۈجەيرە ئەزالىرى نورمال ھەرىكەت قىلالمىغاندا، كۆپ خىل كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ چىقىدىكەن. بۇ مىكروسكوپ بىلەن تارتىلغان سىيىر ھۈجەيرىسىنىڭ سۈرىتى. خوندرىئوسوما پارقىراق سېرىق رەڭدە، ھۈجەيرە يادروسى كۆك رەڭدە، ھۈجەيرە جازىسى كۈل رەڭدە.

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالدۇر قېرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالدۇر قېرىشى ھازىرقى يېڭى، زور ئاممىۋى سەھىيە خىرىسى دەپ قارالماقتا. كۆپلىگەن دەلىل ـ ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، 45 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئادەتتە 70 ياشتىن ئاشقان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەر بەدىنىدە كۆزىتىلگەن ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: يېشى ۋە جىنسى ماس كەلگەن يۇقۇملانمىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ قەدەم ئېلىش ھالىتى ۋە سۈرئىتى، بەدەن ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، خوندىرىئوسوملارنىڭ قېرىشى، ياللۇغنىڭ كۈچىيىشى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى، ئاجىزلىق ۋە باشقا ساغلاملىق ئەھۋاللىرى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
بېل تېببىي ئىنستىتۇتى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، مېدىتسىنا ـ ئىچكى ئاجراتما ئىلمى دوتسېنتى Rajagopal Sekhar دوكتور ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى مۇۋاپىق ۋاقىتتا HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالدۇر قېرىشىنى تەتقىق قىلغان. ئۆتكەن 20 يىلدا، ئۇلار ئىزچىل تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئىچكى ئاجراتما، قەنت كېسىلى ۋە مېتابولىزم بۆلۈمىدە ياشانغانلار ۋە قېرىغان چاشقانلارنىڭ تەبىئىي قېرىشىنى تەتقىق قىلغان. Sekhar ئىزچىل HIV تەتقىقاتى ساھەسىدە جانلانغان، ھەمدە ھيۇستون خاررىس ساغلاملىق سىستېمىسى بايرىقى ئاستىدىكى توماس كوچىسى ساغلاملىق مەركىزىدىكى HIV شىپاخانىسى بىمارلارنى كلىنىكىلىق داۋالاش بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇ يەردە بىردىنبىر ئىچكى ئاجراتما ۋە مېتابولىزم شىپاخانىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
Sekhar كۆپ يىللاردىن بۇيان HIV بىمارلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىشقا تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتىكى كەسپىي بىلىمى ۋە قىزىقىشى، شۇنداقلا HIV بولمىغان كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈشنىڭ پاراللېل ئوربىتىسىنىڭ قېرىشقا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، HIV ۋە دىئابېت كېسىلىدىكى ماددا ئالمىشىش مېتابولىزم ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ زور بايقىلىشى، ھەمدە نۇرغۇن كىلىنىكىلىق سىناقلارغا يېتەكچىلىك قىلغان، بۇ سىناقلار بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن قېرىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىگەن.

بىز نېمە ئۈچۈن قېرىيمىز؟
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، تەجرىبە دەلىل ـ ئىسپاتى ئىككى خىل قېرىش نەزەرىيىسىنى قوللايدۇ. ئەركىن رادىكال نەزەرىيەسى بىلەن خوندرىئوسوما نەزەرىيەسىدە ئەركىن رادىكال (ئوكسىدلىنىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش)نىڭ ئۆرلىشى ۋە خوندرىئوسوما ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى قېرىشنىڭ يادروسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوكسىدلىنىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە خوندرىئوسوما ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئۆرلىشى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت.

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالدۇر قېرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئاكتىپ ئوكسىگېن قاتارلىق ئەركىن رادىكال ۋە خوندرىئوسوما فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە ئۆزارا تۇتىشىدۇ. خوندرىئوسوما ھۈجەيرىنىڭ باتارىيىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ھۈجەيرە ئىقتىدارىغا كېرەكلىك ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. بەدەن بىز يېگەن يېمەكلىكلەرنى قەنت ۋە ياغقا ئايلاندۇرىدۇ، خوندرىئوسوما ئۇنى يېقىلغۇ ئورنىدا كۆيدۈرۈپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ.
ئەمما، ھۈجەيرىلەر ھاسىل قىلغان ئېنېرگىيە تاشلاندۇقلىرىنىڭ بىرى ئەركىن رادىكال بولۇپ، ئەركىن رادىكال بىر خىل يۇقىرى ئاكتىپلىققا ئىگە مولېكۇلا بولۇپ، ھۈجەيرە، پەردە، ياغ ماددىسى، ئاقسىل ۋە DNAغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ھۈجەيرىلەر ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپلارغا تايىنىدۇ.

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالدۇر قېرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

Sekhar مۇنداق دېگەن: «خوندرىئوسوما ئىچىدىكى يېقىلغۇ كۆيۈش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئەركىن رادىكاللار خۇددى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلى ھاسىل قىلغان بىر قىسىم كېرەكسىز ماددىلارغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئاپتول سۈزگۈچ تەرىپىدىن تازىلىنىدۇ، ئەگەر بىز ئاپتول سۈزگۈچنى قەرەلسىز ئالماشتۇرۇپ تۇرمىساق، ئاپتوموبىل موتورىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، يۈرۈش مۇساپىسىمۇ ئازلايدۇ».
ئوخشاشلا، ئەگەر ھۈجەيرىدىكى ئەركىن رادىكالنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق باشتىن ـ ئاخىر ئالدىنقىسىغا مايىل بولسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھۈجەيرە ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. گلۇتاتىئون ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ ئاپتول سۈزگۈچنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلايدۇ. GlyNAC ھۈجەيرىلەرنىڭ گلۇتاتىئون ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالدۇر قېرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، Sekhar ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى گلىتسىن ۋە N- ئاتسېتىل سىستېئىننى تولۇقلايدىغان بىرىكمە GlyNACنىڭ، تەبىئىي قېرىغان چاشقان ھۈجەيرىسى ئىچىدىكى گلۇتاتىئون كەملىك كېسىلىنى ياش چاشقانلارنىڭ سەۋىيىسىگىچە تۈزەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. GlyNAC ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، ياشانغان چاشقاننىڭ گلۇتاتىئون ۋە خوندرىئوسوما ئىقتىدارىنىڭ سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن، GlyNAC ئىستېمال قىلىپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن، ياش چاشقاننىڭ سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش بولغان.
بىر تۈرلۈك كىچىك تىپتىكى تەتقىقاتتىمۇ، ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەن، ياشانغان ئىنسانلار ھۈجەيرىسىدە ناھايىتى يۇقىرى ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقى ۋە گلۇتاتىئون كەمچىل بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا GlyNAC نى ئىككى ھەپتە ئىچكەندە، گلۇتاتىئون كەملىكىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ ھەمدە ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش سېزىمچانلىقى ۋە ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ (دىيابېت كېسىلىدىن بۇرۇنقى خەتەرلىك ئامىل). بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە خوندىرىئوسوما ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىممىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئاساس سالغان.

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالدۇر قېرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالدۇر قېرىشىنى ياخشىلاش
نۆۋەتتىكى تەتقىقاتتا، Sekhar ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئېچىۋېتىلگەن كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئالتە ئەر ۋە ئىككى ئايال ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سەككىز نەپەر ياش، جىنس ۋە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى ماس كەلگەن يۇقۇملانمىغان سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى 45 ياشتىن 60 ياشقىچە. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار مۇقىم تەتۈر ئايلىنىشقا قارشى ۋىرۇس بىلەن داۋالىنىۋاتىدۇ ھەمدە تەتقىقاتتىن ئالتە ئاي بۇرۇن دوختۇرخانىدا يېتىپ باقمىغانلار.

GlyNACنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، سېلىشتۇرما گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا،HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار گۇرۇپپىسىدا گلۇتاتىئون كەمچىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالدۇر قېرىشقا مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل ئەھۋاللارنى يەنى، بۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقى، خوندرىئوسوما ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ياللۇغلىنىش، ئىچكى تېرە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە ئىنسۇلىن قارشىلىقى، تېخىمۇ كۆپ گېن زەخىملىنىش، مۇسكۇل كۈچلۈكلىكى تۆۋەنلەش، قورساق قىسمىدىكى ماينىڭ كۆپىيىشى ھەمدە بىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى زىيانغا ئۇچراشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Sekhar مۇنداق دېگەن: «نەتىجە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. 12 ھەپتىلىك GlyNAC نى تولۇقلىغاندا يۇقارقى بارلىق يېتەرسىزلىكلەرنى ياخشىلىغىلى بولغان. GlyNAC ئىستېمال قىلىشنى سەككىز ھەپتە توختاتقاندىن كېيىن، قىسمەن ياخشىلىنىش ئەھۋالىدا تۆۋەنلەش بولغان.
GlyNAC بىلەن داۋالاش HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن بەلگە نۇقسانلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، چۈنكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان داۋالاش ئۇسۇلى بۇ نورمالسىزلىقلارنى ئۆزگەرتەلمىگەن. بىزنىڭ بايقىشىمىز HIV دىن يۇقۇملانغانلارغا باشقا تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ».
بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئىلھامى بىلەن Sekhar ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، GlyNAC تولۇقلاش دورىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ياشانغانلار توپىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاشتىكى قىممىتىنى سىناق قىلغان. نۆۋەتتە، ئۇ ئىككى تۈرلۈك NIHنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.

ئىختىيارىي كلىنىكىلىق تەجرىبىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى بولۇپ، GlyNAC نىڭ يېنىك دەرىجىدىكى بىلىش توسالغۇغا ئۇچرىغان ياشانغانلار ۋە ئالزېيمېر كېسىلى(阿尔茨海默病)گە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلماقتا.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى