ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتىش تەسمۇ؟

نۆۋەتتە، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ۋىرۇسنى ئەڭ زور چەكتە ۋە ئۇزاققىچە تىزگىنلەش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاش، ئەيدىز ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. پەقەت دوختۇرغا ماسلىشىپ ئۆلچەملىك دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ!
نۇرغۇن كىشىلەر ئىلىم ـ پەن تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، مۇنداق ئىككى سەۋەب بار:

ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتىش تەسمۇ؟

1. ۋىرۇسنىڭ يۇقىرى ئۆزگىرىشچانلىقى: ئەيدىز ۋىرۇسى بىر خىل نۇسخىلاش سۈرىتى تېز، ئۆزگىرىشچانلىقى كۈچلۈك ۋىرۇس بولۇپ، بىر تەرەپتىن نۇسخىلاپ بىر تەرەپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.
دەل شۇنداق بولغاچقا، دورا ئۇنىڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇ خۇددى ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشايدۇ، دۈشمەن توختىماي نىقابىنى ئالماشتۇرىدۇ، بىزنىڭ كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشىمىز ناھايىتى تەس. ئوخشاش قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ھازىر بار بولغان بىرلەشمە داۋالاش ئۇسۇلىدا ئۈچ بىرلەشمە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىرىكمە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق، ھەر بىر نۇسخىلاش ھالقىسىغا قارىتا دورىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بەلگىلىك چەكلىمىلىككە ئىگە بولغاچقا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەندىكى ۋىرۇسلارنى پۈتۈنلەي تازىلاپ بولغىلى بولمايدۇ.ئەگەر قېلىپلاشمىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، مەسىلەن: ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دورىنى ئازايتىش، دورىنى توختىتىش، دورىنى ۋاقتىدا يىمەسلىك، ئۈزۈلدۈرۈپ دورا ئىچىش قاتارلىقلار بولسا، ۋىرۇس داۋالغۇپ تۇرغان قاندىكى دورا بېسىمى ئاستىدا ۋىرۇس گېنى تېخىمۇ ئاسان قايتا تەشكىللىنىپ، دورىغا چىدامچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتىش تەسمۇ؟

2. ۋىرۇس ئامبىرى شەكىللىنىش: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ DNAسى بىرىكىپ ئاساسىي CD4 ھۈجەيرە خىروموسومىنىڭ DNAسىغا كىرىپ، بىللە كۆپىيىپ، بىر يوشۇرۇن ساقلاش ئامبىرى ـ ۋىرۇس ئامبىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس ئامبىرى بولغان ۋىرۇس پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىر كۈندىلا ۋەيران بولمايدۇ، ئىزچىل ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى توختىماستىن كۆپەيتىدۇ ھەمدە سىرتقى ئەتراپتىكى قانغا قويۇپ بېرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
ئىلگىرى مۇنداق بىر ھايۋانات بەدىنى مودېلى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلغان: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ھايۋانات مودېلى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، قان پىلازمىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولمىغان، شۇڭا دورا بېرىشنى توختىتىپ، ئاندىن ھەر 10 كۈندە بىر قېتىم ئەيدىز ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، دورىنى توختىتىپ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا، ھايۋانلارنىڭ مودېلىدىكى قان پىلازمىسىدا قايتىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى پەيدا بولغانلىقى بايقالغان، ھەمدە 4~6 ھەپتە ئەتراپىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوزغىتىپ، ئارقىدىنلا تىزگىنلەنگەن. بۇنىڭدىن مۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ: ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قاندىكى ئەركىن ئېقىپ يۈرگەن ۋىرۇسلارنى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ، لېكىن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئامبىرىنى تېخى تازىلىيالمايدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتىش تەسمۇ؟

گەرچە ھازىر تېخى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا ياكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى پۈتۈنلەي يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ۋىرۇس بىلەن ئادەمنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش يېڭى تەپەككۇرى ـ فۇنكسىيەلىك داۋالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ مەنىسى بەدەندىكى ۋىرۇس ساقلاش ئامبىرىنى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئارقىلىق قالدۇق ۋىرۇسلارنى تازىلاش ياكى ۋىرۇسنىڭ قايتا يامرىماسلىقىنى چەكلەش دېگەنلىك.

ۋىرۇس ساقلاش ئامبىرىنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىپ ياكى تازىلاپ، «فۇنكسىيەلىك داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش، داۋالاشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدۇق، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش كەلگۈسىدىكى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلانغان، چۈنكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قانچە بالدۇر باشلىساق (يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 14 كۈن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇر) بەدەندىكى ۋىرۇس ساقلاش ئامبىرىغا يوشۇرۇنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان T لىمفا ھۈجەيرىلىرى شۇنچە ئاز بولىدۇ، بۇ چاغدا داۋالاشنى باشلىغاندا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى شۇنچە ئاسان قوغداپ، ياشاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نورمال تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، فۇنكسىيەلىك داۋالاش نىشانىغا يېتىشتىن ئۈمىد بار.
بىز تېخى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش يولدا كېتىۋاتىمىز!

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى