يۆتىلىپ قالغانلارغا دورا: تۇزدا دۈملەنگەن ئاپېلسىن
كۈز، قىش پەسىللىرىدە ئادەم ئازراقلا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېقىلىپ يۆتىلىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە دورا يېيىشكە ئالدىرىماڭ، ئاۋۋال تۇز بىلەن دۈملىگەن ئاپېلسىننى سىناپ بېقىڭ، ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان ئاپېلسىن بىلەن كېسەللىك ئالامىتىنى ئازايتقىلى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ خىلدىكى ئاپېلسىنغا كېتىدىغان ماتېرىياللار ئاددىي، ئۆيدىكى تەييار يېمەكلىكلەر بىلەنلا قىلغىلى بولىدۇ.
ماتېرىيال تەييارلاش
ئاپېلسىن بىر دانە
تۇز بىر گىرام
مەشغۇلات تەرتىپى
1. بىر دانە ئاپېلسىن تەييارلاپ، ئۇنى تۇز بىلەن پاكىز يۇيمىز.
2. ئاپېلسىننىڭ ئۈستى تەرىپىنى كېسىپ ئېچىپ، ۋىلكا بىلەن ئىچىدىكى مېۋىسىگە سانجىيمىز.
3. مېۋىسىگە بىر گىرام تۇز چېچىپ، تەكشى سۈركەيمىز.
4. قازاندا 10-15 مىنۇتقىچە دۈملەيمىز.
قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئاچقاندا، ئاپېلسىننىڭ خۇش پۇرىقى يۈزگە ئۇرۇلۇپ، تەمى ئاجايىپ تەملىك بولىدۇ. بۇ تۇزلۇق دۈملىمە ئاپېلسىننى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، ئىسسىق، سۇلۇق، تۇزلۇق، ئازراق چۈچۈمەل، مۇھىمى يەنە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. كۈز ۋە قىش پەسلىدەك بۇنداق تۇز بىلەن دۈملەپ پىشۇرۇلغان ئاپېلسىن ھەقىقەتەن ياخشى دوستىڭىز بولالايدۇ.