يېمەك-ئىچمەك

ئاچ قورساققا سۈت ئىچسە ئىچ سۈرەمدۇ؟ سۈت ھەققىدىكى ئىغۋا

چوڭلارنىڭ ئاچ قورساققا بىر نەرسە يېيىش توغرىسىدىكى چەكلىمىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولسا ئاچ قورساققا سۈت ئىچمەسلىك. ئەتراپىمىزدا بەزى ھەقىقىي مىساللار بار، بەزى كىشىلەر ئاچ قورساققا سۈت ئىچسىلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك كالا سۈتىدىن چاتاق چىقتى، ئاچ قورساق ئىچىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە كالا سۈتىگە ئۇۋال قىلغانلىق، بىر قىسىم كىشىلەر سۈت ئىچسە ئىچى سۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلار سۈت قەنتىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇ بىر توپ كىشىلەر ئاچ قورساق ئىچمىسىمۇ، كالا سۈتى ئىچسىلا ئاسانلا ئىچى سۈرىدۇ.

ئاچ قورساققا سۈت ئىچسە ئىچ سۈرەمدۇ؟ سۈت ھەققىدىكى ئىغۋا

1. سۈت قەنتىگە چىدامسىزلىق دېگەن نېمە؟

سۈت قەنتىگە چىدامسىزلىق ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا سۈت قەنتى كىچىك ئۈچەيدە پارچىلىنىپ سۈمۈرۈلمەي، چوڭ ئۈچەيگە كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۈچەيدىكى بېسىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سۇنى سۈمۈرەلمەي، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

«سۈت قەنتىگە چىدامسىزلىق» نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئانچە ناتونۇش ئەمەس. بەزى بالىلار مەيلى ئانا سۈتى ياكى كالا سۈتى ئىچسۇن، ئاسانلا ئىچى سۈرىدۇ، دوختۇرلار سۈت قەنتىگە چىدامسىزلىق دەپ دىئاگنوز قويىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېنىدە سۈت قەنتى ئېنزىمى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھەزىم قىلىش ئېنزىمى كەمچىل بولغاچقا، سۈت قەنتى ئۈچەي يولىدا يىغىلىپ قېلىپ، مىكروبلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلىپ، ئاسانلا ئىچ سۈرۈش، كۆپ ئوسۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، خۇنەن ئانا بالىلار دوختۇرخانىسى چوڭلار ئۇنىۋېرسال ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تەن شاۋخۇا ئالدى بىلەن بالىغا سۈت قەنتى تۆۋەن بولغان تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنى بېرىشنى، سۈت قەنتىگە چىدامسىزلىق دەرىجىسى ئانچە ئېغىر بولمىغاندا، ئاندىن بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى.

ئاچ قورساققا سۈت ئىچسە ئىچ سۈرەمدۇ؟ سۈت ھەققىدىكى ئىغۋا

2. سۈت قەنتىگە چىدامسىز كىشىلەر يەنە سۈت ئىچەلەمدۇ؟

سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئىچمىسە بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. خۇنەن ئانا بالىلار دوختۇرخانىسى چوڭلار ئۇنىۋېرسال ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تەن شاۋخۇا سۈت قەنتىگە چىدامسىز كىشىلەرنىڭمۇ سۈتنى قانغۇچە ئىچەلىشى ئۈچۈن كۆپچىلىككە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.

(1) سۈتنى يېمەكلىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىۋېتىش

سۈت بىلەن ئارپا، ھورنان ۋە تورت پىشۇرۇپ يېيىش؛ ناشتىدا ئالدى بىلەن مانتا، گۈرۈچ ئۇمىچى، ئارپا قاتارلىقلارنى يەپ، ئاندىن سۈت ئىچىش كېرەك.

(2) سۈت قەنتى يوق ياكى سۈت قەنتى تەركىبى تۆۋەن سۈت ئىچىش

سۈت قەنتى يوق ياكى تۆۋەن لاكتوزىلىق سۈت ئىچىشكە بولىدۇ، تاللا بازارلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان «شۇلتا سۈتى» لاكتوزىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سۈتتۇر.

(3) قېتىق ئىچىشكە ئۆزگىرىش

قېتىق سۈت تاياقچە باكتېرىيەسىنى قوشۇش ئارقىلىق سۈت شېكىرىنى پارچىلاپ سۈت كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەسلىدە بەدەن ئىچىدە تاماملانغان ئېنزىملارنى پارچىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈت قەنتى مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.

(4) پىشلاق (ئېرىمچىك) يېيىش

بەش كىلو سۈتنى بىر جىڭ پىشلاققا قويۇلدۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 20 ~ 30 گىرام سۈت ئىچىشنىڭ رولىنى ئوينىيالايدۇ.

ئاچ قورساققا سۈت ئىچسە ئىچ سۈرەمدۇ؟ سۈت ھەققىدىكى ئىغۋا

3. ئادەتتىكى كىشىلەر سۈتنى قانداق ئىچسە ئەڭ ئىلمىي بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن تۆت« ياق» نى ئەستە تۇتۇش كېرەك:

سۈتنى چاي، قەھۋە بىلەن بىللە ئىچمەسلىك؛ مېۋە، كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر بىلەن تەڭ ئىچمەسلىك؛ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۇزاق قايناتماسلىق؛ سۈت بىلەن دورا ئىچمەسلىك؛

سۈت گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى سۇ ئورنىدا ئىچىشكە بولمايدۇ، ھەر كۈنى سۈت ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، بۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

قىش پەسلى سوغۇق بولغاچقا، كۆپچىلىك مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىنى تاللاپ ئىچىشى كېرەك. سوغۇق سۈت، مۇزلىتىلغان سۈت ئىچسە ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ ھەددىدىن زىيادە قىزىق سۈت ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى زەخىملەندۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

سۈتنى توغرا ئىچكەندە ئاندىن ئەڭ چوڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا توغرا ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان سۈتنى تاللاپ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى