كۆپ ئۇچرايدىغان HIV دورىلىرى ئۈچەيدىكى بىر خىل ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ھۈجەيرە دوكلاتى مېدىتسىناسى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە HIV ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىنسانلارنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا تېخىمۇ ياخشى قارشى تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن، ئەمما زىيانلىق ياللۇغلىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىنكەن.
كۆپ ساندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا truvada فۇماسۈەن تىنوفۇ TDF، ئېنچۈ تابىڭFTC ( 富马酸替诺福韦二甲双胍TDF,恩曲他滨FTC ) رېتسىپى يېزىپ بېرىلگەندە، ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە چۈشۈرگەن. بۇ دورىلارنى 20 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دەسلەپكى دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن يەنە نەچچە ئون يىل ياشىيالىغان. ئەمما، Hladik: «ۋىرۇسنىڭ ئۆزى مەڭگۈ يوقالمايدۇ» دېگەن.
بۇ تەتقىقاتتا تەتقىقاتچىلار TDF/FTCنى ئىشلىتىپ HIVنىڭ ئالدىنى ئالغان بىمارلار ئىچىدە، شۇنداقلا HIVنىڭ ھەرىكەتچان يۇقۇملىنىشى بولمىغان ئەھۋالدىكى ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتچىلار ئۆتكەنكى بەش يىللىق بىمارلارنى كۆزىتىپ، يەنە ئىككى تۈرلۈك دەسلەپكى تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزگەن.
بىز دورىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەكچى، Hughes مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇلارنىڭ I / III تىپلىق ئىنتېرفېرون رېئاكسىيىسىنى غىدىقلايدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بەدەننىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ پەقەت ئۈچەيدە يۈز بېرىدۇ».
بۇ بايقاشنىڭ كلىنىكىلىق ئاقىۋىتى تېخى ئېنىق ئەمەس، يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
I / III تىپلىق ئىنتېرفېرون(干扰素)نى كۆپەيتىش بىر ياخشى ئىش بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە دورىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇلارمۇ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن» دېگەن Hladik. ئەگەر بۇ تەسىرلەر ئۈن ـ تىنسىز HIV بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى (يوشۇرۇن ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ) ھايات قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا بۇ تەسىرلەر ھەتتا HIVنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلىنى تېپىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن».
Hladik بىلەن Hughes يەنە HIV بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردىن بۇلارنىڭ ئوخشاش ئۈنۈمىنى ئىزدىمەكچى بولغان.
يېڭى دورا لايىھەسى ئەمدىلا بازارغا سېلىنغان بولۇپ،HIV بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسىنى يۇقىرى دەرىجىدە تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە TDF/FTC ياكى باشقا بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
ئىككىيلەن بىر تۈرلۈك سىناق ئېلىپ بېرىپ، TDF/FTC ئىشلىتىلگەن HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى، بۇ يېڭى لايىھەنى ئىشلەتكەن باشقا كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا راستىنلا ماس كېلىدىغان ـ كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتىشنى ئۈمىد قىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بىر قەدەر يېڭى لايىھە ئاستا خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېتنى قوزغىتىشتىن ساقلىنىپ، يوشۇرۇن ھۈجەيرىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىدىكەن.
Hladik مۇنداق دېگەن: «كېيىنكى قەدەمدە ئەڭ مۇھىمى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا تەتقىقاتىمىزنى تەكرارلايمىز، ھەمدە TDF/FTC قاتارلىق دورىلارنىڭ ئورنىغا بىر قەدەر يېڭى لايىھەنى تېپىپ چىقىپ، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنى ئازايتقىلى ۋە يوشۇرۇن HIV نىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كىلىنىكىلىق مۇناسىۋىتى بارمۇ ـ يوق؟».
بۇ خىزمەتكە ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى (R01AI116292 ،R01AI111738 ،R01AI134293،AI027757 ،AI069481 ،R01DK112254) بىل ۋە مىلەندا گەيتىس فوندى جەمئىيىتى، ئېمورى ئۇنىۋېرسىتېت – ئەيدىز ۋىرۇسى / ئەيدىز كېسىلىنىڭ كلىنىكىلىق تەجرىبە ئورنى ياردەم بەرگەن. ddPCR خىزمىتى James B. Pendleton خەير ـ ساخاۋەت ھاۋالە فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. دۆلەتلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىئانە پۇلى فرېد خاچىنسېن راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەجرىبە تەشكىللەپ پاتولوگىيە يادرولۇق ئەسلىھە بىلەن قوللىغان.