ساغلاملىق

HIV بىلەن ئۇچراشقان بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش كۆرسەتمىسى

婴儿的骨头比成人多100多块,成年后却消失了,它们去哪了?

چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى فىنبېرگ تېببىي ئىنستىتۇتىدىكى دوكتور ellen gould chadwick ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: «مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىش كېرەك. بارلىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئادەتتىكى HIV تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بىمارلار تەكشۈرۈشنى رەت قىلمىسىلا». ئەگەر تۇققاندا ئانىنىڭ قان زەردابىدا HIV ئەھۋالى نامەلۇم بولسا، ئانىنىڭ ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ HIV ئانتىتېلاسىنى تېز سۈرەتتە تەكشۈرۈش كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ساقلىنىش كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

2020121414440339867.jpg

تەتقىقاتچىلار يەنە بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا HIV بىلەن ئۇچراشقان بوۋاقلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋە قارىغۇچىلىرىغا HIV بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار مەسلىھەت بېرىش، جۈملىدىن ئالاقىدار ئادەتتىكى پەرۋىش، دىياگنوز قويۇش سىنىقى ۋە يوشۇرۇن دورىلارنىڭ زەھىرىگە ئالاقىدار مەسلىھەت بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاق 14 كۈندىن 21 كۈنگىچە بولغان ياشتا ۋىرۇس ئىلمى بويىچە سىناق قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر مەنپىي بولسا، 1 ئايدىن 2 ئايغىچە ۋە 4 ئايدىن 6 ئايلىق بولغاندا بۇ سىناقلارنى تەكرار ئېلىپ بېرىش كېرەك. بالىياتقۇدا ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورا ئىشلەتكەن بوۋاقلاردىن دورىنىڭ زەھىرىنى كۆزىتىش كېرەك. HIV بىلەن ئۇچراشقان بوۋاقلارغا قارىتا، ئېلان قىلىنغان كۆرسەتمىگە ئاساسەن ئىممۇنىتېت ۋە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقان بوۋاقنىڭ بىۋاستە تۇغقىنى ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

2020121414434978956.jpg

چادۋىك بىر باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ئانىلارنىڭ ياردەملىشىپ تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش جەھەتتە ناھايىتى ئۇزۇن يول ماڭدۇق. بىز بارلىق مۇۋاپىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، دوختۇرلارنى، بىمارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئاشكارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز».

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى