ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ HIVنىڭ ئالدىنى ئېلىش تونۇشىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز؟
ب د ت ئېچىش، پىلانلاش مەھكىمىسىدىكى ما سىچۈن بىلەن بالىلار جىنسىيەت تەربىيەسى مۇتەخەسسىسى ليۇ ۋېنلى «ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە HIVنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تېمىسىدا سۆھبەتلەشتى.
1. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تونۇشىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز؟
2. قانداق قىلغاندا ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەيدىزدىن يىراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟
پىروفېسسور ليۇ ۋېنلى بۇ سوئاللارغا كەسپىي نۇقتىدىن جاۋاب بەردى. ئۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، بالىلار جىنسىيەت تەربىيە مۇتەخەسسىسى.
مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك جىنسىيەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش
2018-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «خەلقئارا جىنسىيەت تەربىيەسى تېخنىكا يېتەكچىلىك تېزىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك جىنسىيەت تەربىيەسىگە ئېنىقلىما بەردى. ئومۇميۈزلۈك جىنسىيەت تەربىيەسى بىر تۈرلۈك ئاساسىي دەرس بولۇپ، جىنسىيەتنى تونۇش تۇيغۇسى، جىنسىيەتنىڭ ئادەم بەدىنى ۋە جەمئىيەت قاتلىمىدىكى ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ئوقۇتۇش جەريانى. «جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق» دېگەن بۇ يادرولۇق ئۇقۇمدا، ئىككى مۇھىم باش تېما بار: ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ نامى، ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى قوللاش؛ شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى چۈشىنىش، تونۇش ۋە ئازايتىش.
2018-يىلى دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى «جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر ساغلاملىق تەربىيەسى ئۇچۇرلىرى ۋە يەشمىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك جىنسىيەت تەربىيەسى بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئېنىق بەلگىلىدى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك جىنسىيەت تەربىيەسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىيەت ۋە كۆپىيىش ساغلاملىقىغا بولغان بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يەنە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىيەت ۋە كۆپىيىش ئەزالىرى ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولغان ئاساستا ئىش ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم قىلىشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىلىم ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.
مەكتەپلەردە جىنسيەت تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇرۇشىغا ياردەم قىلىشتىكى مۇھىم يول.
مەيلى خەلقئارا بولسۇن، مەيلى دۆلەت ئىچى بولسۇن، ئومۇميۈزلۈك جىنسيەت تەربىيەسىگە بولغان تونۇشنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك جىنسىيەت تەربىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش پوزىتسىيەسىنى ياخشىلىدى.