سەھەر تۇرغاندا ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن «ئۈچنى قىلماسلىق» ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاساسى
تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە كۈتۈنۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاش بەزى كىشىلەر ئويلىغاندەك، پەقەت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، تۇرمۇشتىكى يەنە بەزى كىچىك تەپسىلاتلارغىمۇ چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ سەھەر تۇرۇپ «ئۈچنى قىلماسلىق» ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن «ئۈچنى قىلماسلىق»قا چوقۇم ئەمەل قىلىش كېرەك.
1. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىر ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەتىگەندە ھاۋا ساپ بولىدۇ، بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ، دەپ ئويلاپ يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئەتىگەنلىك مەشىق قىلىدۇ. ئەمما ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا دەرھال چېنىقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى سەھەردە بىۋاسىتە جىددىي ھەرىكەت ھالىتىگە كىرگەندە، قان بېسىم ئۆرلەپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇرىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەتىگەندە ئىمكانقەدەر قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش ياكى ئازراق ناشتا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن، تېز قەدەم بىلەن مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش ياكى تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىقلار.
2. سەھەر تۇرۇپ بەك مايلىق نەرسە يېيەلمەسلىك كېرەك
نۇرغۇن ئائىلىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىدا پىلتە قۇيماق ياكى پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىدۇ، ئەمما پىلتە قۇيماق ماي تەركىبى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، تەستە ھەزىم بولىدۇ، ھەم ئاسانلا بەدەننىڭ سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەتىگەنلىك تاماققا مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى ئاساس قىلىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە ۋە قارا ئاشلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. ئويغىنىپ دەرھاللا ئورنىدىن تۇرماسلىق كېرەك
ئۇخلىغاندا قان بېسىم بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن قان بېسىمى تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ. ئەگەر بەك تېز ئورۇندىن تۇرغاندا قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ، ئاسانلا مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئورنىدىن تۇرغاندا بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك، ئويغانغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن پۇت-قوللارنى ئاستا-ئاستا مىدىرلىتىپ، ئاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.
4. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفون ئوينىماسلىق كېرەك
يانفون كىشىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلاندى. ناھايىتى كۆپ كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفوندا ئويۇن ئوينايدۇ ياكى قىسقا فىلىم كۆرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ناچار ئادەت ئۇزۇن داۋاملاشسا، ھارغىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئېتىۋېتىش كېرەك.
5. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچچىقلىنىشقا بولمايدۇ
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچچىقلىنىش يۈرەك سوقۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، نەپەس ئېلىشنى رېتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچچىقلانسا، يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
6. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويۇنۇپ غىزالىنىشقا بولمايدۇ
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈندۈزلۈك تۇرمۇش رېتىمى ئىنتايىن تېز بولغاچقا، كەچتە ھاردۇقىنى چىقارغاچ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملاردىن تويغۇچە ھوزۇرلىنىدۇ. لېكىن، كەچلىك تاماقنى بەكلا تويۇنۇپ ئىستېمال قىلىش بەدەننىڭ سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.