ساغلاملىق

ئەيدىز ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولمىسا يەنە داۋاملىق دورا ئىچىش كېرەكمۇ؟

ئەيدىز كېسىلى (AIDS)نى دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن تېببىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، بۇنى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ھامان دەرھال داۋالاشنى باشلاپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆزىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ بالدۇرراق داۋالىنىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ۋىرۇسنىڭ باشقىلارغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

图片

يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ئۇسۇلى
بىر قانچە خىل (ئادەتتە ئۈچ خىل ياكى تۆت خىل) ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرىلىشىگە قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق HIV ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئادەم بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارىنى تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىغىلى ياكى «تەكشۈرگىلى بولمايدىغان» قىلغىلى بولىدۇ.
图片

ۋىرۇس مىقدارى نېمە؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ھەر مىللىلىتىر قاندىكى HIV ۋىرۇسىنىڭ سانىنى ئۆلچەش بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈملۈك داۋاملاشقان HAARTدا يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ئەگەر ھەر مىللىمېتىر قاندا 20copy/mlدىن تۆۋەن بولسا، HIVنىڭ تارقىلىش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز، ھەتتا ئاساسىي جەھەتتىن تارقالمايدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى قانۇنىيەتلىك ئىستېمال قىلغاندا، بەزى بىمارلار ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق دورا يېگەندە ئاندىن ۋىرۇسنى نورمال دائىرىدە كونترول قىلالايدۇ.

图片

دورا ئىچىش قانۇنىيەتسىز بولسا ياكى داۋالاشنى توختاتسا ۋىرۇس مىقدارى قايتا ئۆرلەپ كېتىدۇ
داۋالاش ئاكتىپلىقى، دورىغا بېقىنىش خۇسۇسىيىتى ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتە ناھايىتى زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. HAART پەقەت HIV ۋىرۇسىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ئەمما ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتالمايدۇ. دورا بىلەن داۋالاشتا ۋىرۇس بىمارنىڭ بەدىنىگە جىمجىت ھالدا ئۇزاق مۇددەت يوشۇرۇنۇپ، ئىزچىل مەۋجۇت بولىدۇ.

图片

ناۋادا دورىنى ۋاقتىدا يېمىسە قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ-دە، ۋىرۇس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دورىغا چىداملىق ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنى ياساپ چىقىدۇ، بۇنداق ۋىرۇس يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە دورىغا چىدامچانلىق كۆرىلىدۇ. HIV ۋىرۇسىدا دورىغا چىدامچانلىق كۆرۈلگەندىن كېيىن، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ ياكى ئۈنۈمى بولمايدۇ.

图片

ئۆز مەيلىچە دورا بىلەن داۋالاشنى توختاتقاندا بىر قىسىم يوشۇرۇنغان ۋىرۇسلار جانلىنىشقا باشلاپ، تېخىمۇ كۆپ ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ۋىرۇس مىقدارىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ياكى دورىغا چىداملىق ۋىرۇس پەيدا بولۇپ، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

图片

شۇڭا دوختۇرلار قانۇنىيەتلىك، قەرەللىك دورا ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن، بىز بىرلىكتە تىرىشايلى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى