ساغلاملىق

سۇ ئىچسىڭىزلا كىچىك تەرەت قىستامدۇ؟

ئۇ يېقىندا ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتى، يەنى سۇ ئىچىپلا كىچىك تەرىتى قىستاپ، سۈيدۈكىنى قىسىۋالالمىدى، دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى «بۆرەك ياخشى ئەمەسمۇ قانداق؟» دەپ مەسخىرە قىلىشتى. گەرچە ئۇ بۇنىڭ پەقەت بىر چاقچاق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئىككى-ئۈچ كۈن داۋاملاشقاندا بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.

1. سۇ ئىچسىلا ھاجەتخانىغا كىرگۈسى كېلىدۇ، مەسىلە قەيەردە؟
ئادەم سۇ ئىچكەندە، سۇ ئۈچەي يولى ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىدۇ، ئەگەر سۇ كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەن بۆرەككە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۆرەكتىكى سۈيدۈك بۆرەك نەيچىلىرىنىڭ سۈزۈشى ئارقىلىق، ئېشىپ قالغان سۇ، ئانورگانىك تۇز، ئورىيا ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى سۈيدۈكنى ھاسىل قىلىدۇ.
كېيىن سۈيدۈك بۆرەك يىلىك ماددىسىغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن بۆرەك يىلىك ماددىسى ئارقىلىق دوۋساققا يەتكۈزۈلىدۇ، دوۋساقتىكى سۈيدۈك يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن، سۈيدۈك چىقىرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، يەنى سىيگۈسى كېلىدۇ.

پەقەت تېنىڭىز ساغلام بولسىلا، كۆپ ھاللاردا دائىم ھاجەتخانىغا كىرىپ تۇرسىڭىز، سىز سۇنى بەك كۆپ ئىچىۋالغان بولىسىز خالاس. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى تۆت سەۋەب بار:

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سۈيدۈكى كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قان سۇيۇقلۇقى كۆپىيىپ، كۆپ مىقداردىكى سۇيۇقلۇق بۆرەكنىڭ سۈزۈشى ئارقىلىق سۈيدۈككە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، دوۋساقنى بېسىشمۇ پات-پات كىچىك تەرەتنى كەلگۈزىدۇ. بۇ فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كەلمەيدۇ ياكى سۈيدۈك قىستاپ كەلمەيدۇ.
ھەيز مەزگىلىدە: بالىياتقۇ، دوۋساققا قان تولۇپ، دوۋساق نېرۋىسى سەزگۈرلىشىپ، كىچىك تەرەت كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەيز دەۋرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ھامىلىدارلىق ھورمۇنى سەۋىيەسى ئۆرلەپ، سۇ، ناترىي يىغىلىپ قېلىپ، بەدەندە ئارتۇق سۇ ساقلىنىپ، سۈيدۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالمۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە.
ياش ئامىلى: بوۋاقلار دوۋساقنىڭ سىغىمى كىچىك بولغانلىقتىن، كۈندىلىك سۈيدۈك چىقىرىش قېتىم سانى 20 قېتىمغا يېتىدۇ. بىر ياش ئەتراپىدا كۈنىگە 15 قېتىم، ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار كۈنىگە ئالتە قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە كىچىك تەرەت قىلىدۇ.
پىسخىكا ئامىلى: ئادەم جىددىي ھالەتتە تۇرغاندا، قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، بەدەندىكى ھورمۇنلار ئۆزگىرىپ، سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورمونلار ئازىيىپ، ئاسانلا تەرەت قىستايدۇ.

2. ھاجەتكە چىقىش قېتىم سانى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولۇشنىڭ ھەممىسى ساغلاملىقتىن چاتاق چىققانلىقتىن بولىدۇ.
سۇنى كۆپ ئىچىش ياكى باشقا فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ كىچىك تەرەت كېلىدىغاندىن سىرت، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندۈزى ئىككى قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ سەككىز قېتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ. كېچىدە بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلسا نورمال بولىدۇ. ئەگەر كۈندۈزى سەككىز قېتىمدىن ئارتۇق، كېچىسى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەت قىلسا، بۇ نورمال ئەھۋال بولمايدۇ.
ئەگەر سۈيدۈك مىقدارى بىر كۈندە 2500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتسە، «كۆپ سىيىش كېسىلى» بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپ سىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ئامىللىرىدىن كۆپ سىيىش كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش، قاندىكى كالتسىي كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىقلار بار.

3. دائىم ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلىش نېمىدىن شەكىللىنىدۇ؟
يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن دائىم بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ، كىچىك تەرەت قىلماي ياتسا، ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدە كۆپ خىل سەۋەب بار.
نېرۋا مەنبەلىك پات-پات كىچىك تەرەت قىلىش: بۇ يەنە كۆرۈنۈش خاراكتېرلىك سۈيدۈك كۆپىيىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ پىسخىك ئامىل، مەسىلەن: جىددىيلىشىش ياكى قايغۇرۇش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل سۈيدۈك چىقىرىش توسالغۇسىدۇر. مەسىلەن، بەزىلەر ئىمتىھاندىن بۇرۇن، سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ۋە يىغىن ئېچىشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەت قىلغۇسى كىلىدۇ.
شەرتلىك رېفلېكس: كىچىك تەرەتمۇ شەرتلىك رېفلېكسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر دائىم ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەت قىلسا، نېرۋا سىستېمىسى بۇ ۋاقىت تۈگۈنىنى ئېسىدە تۇتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ.
دوۋساق سېزىمچانلىقى: ئېنىقىنى ئېيتقاندا، دوۋساقنىڭ سىغىمى كىچىك بولۇپ، نورمال ئادەملەرنىڭ دوۋساقتىكى سۈيدۈكى 150 ~ 250 مىللىلىتىرغا يەتسە، كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ، دوۋساق سىغىمى كىچىك كىشىلەرنىڭ دوۋسىقى ئەمدىلا تولۇش باسقۇچىغا كىرگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ھاجەتخانىغا كىرگۈسى كېلىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش سۈيدۈك پۈۋەكچىسى كىچىك بولۇشتۇر.

ئەگەر كىچىك تەرەت قىلغان ۋاقىتتا سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، ئاغرىش، سۈيدۈك قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە، بۇ ئۇيقۇدىن بۇرۇنقى بۇ كىچىك تەرەت قىلىشنى پاتولوگىيەلىك سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. پەقەت كېسەللىك ئامىلى بولمىسىلا، كۆپ ساندىكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەت قىلىش خۇددى سەھەر تۇرۇپ چوڭ تەرەت قىلغانغا ئوخشاش كىچىك تەرەت قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇڭا ئۇنى يېڭىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى