ساغلاملىق

ئېغىز بوشلۇقى يارىسىدىن تىل راكىغىچە! خاتا ساۋات ئادەمنى خاتا يېتەكلەپ قويىدۇ

«دادام بۇ يىل 64 ياشقا كىردى، ئادەتتە تېنى ساغلام، يېمەك-ئىچمەكلىرىمۇ مايسىز ھەم يەڭگىل، چوڭ كېسەللىكلەر يوق، ئەمما دائىم ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولۇپ قالىدۇ، ھەر خىل دورىلارنى ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە يارا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. قانداق قىلسام ياخشى بولار؟». ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ياكى ئېغىز يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دائىم ئۇنى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ياكى ۋىتامىن كەمچىل بولۇشقا يىغىنچاقلايمىز، لېكىن ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال كۆپچىلىكنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئازراق پەرقلىنىشى مۇمكىن.

ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، ۋىتامىن كەمچىل بولۇشتىن پەيدا بولامدۇ؟

كىلىنىكىدا ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جەمەت ئىرسىيىتى، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە يارىلىنىش، زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا تەۋە، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش ياكى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش پەقەت نۇرغۇن ئامىللار ئىچىدە ئاز كۆرىلىدىغان بىر قىسمى، بولۇپمۇ ۋىتامىن كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، بۇ خىل ئەھۋال يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولغان قورامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس. شۇڭا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولغاندىن كېيىن ۋىتامىن يېسە، يارا يۈزىنىڭ تېز ساقىيىپ كېتىشى ناتايىن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تاسادىپىي يۈز بەرگەن جاراھەتكە نىسبەتەن، پەقەت سۇيۇق-سەلەڭ يېمەك-ئىچمەك، قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىش ۋە ئۆزىنى مۇۋاپىق ئەركىن تۇتۇش ئارقىلىق يارىنى تېزرەك ساقايتقىلى بولىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا، يەنە مۇنداق قىلىشقا بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى چىقسا بەزىلەر بىئارام بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا تېزراق دورا ئارقىلىق داۋالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ مەخسۇس كېسەلگە قارىتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىسىڭىزمۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ ئۆزى ساقىيىپ كېتىدۇ. يېنىكرەك بولغان ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بىمارلىرىنى زىيادە كۆپ داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر بەك قاتتىق ئاغرىپ كەتسە، ياللۇغ قايتۇرىدىغان ياكى ئاغرىق توختىتىدىغان دورا، چاپلاقلارنى يارا ئورنىغا بىۋاسىتە ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىپ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. بىراق كۆپ ساندىكى يېنىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى مۇۋاپىق ياخشىلاپ، ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش ئارقىلىق يارىنى تېز ساقايتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يارىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بىراق ئۇزاققىچە ساقايمىغان يارىنى ساقايتىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەك يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، كۆپ ئۇچرايدىغان ئامىللاردىن باشقا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى راكقا ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىلدىكى يارىنىڭ كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىسبەتەن چوڭقۇر بولۇپ، يارىنىڭ تېگىدە يەنە چېچەكسەي شەكلىدىكى ئۇششاق دانچىلار كۆپۈپ چىقىدۇ، كۆپۈپ چىققان گىرۋەكلىرى سىرتقا ئۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىق تېخى ئانچە روشەن ئەمەس. ئەگەر كۆزىتىشكە دىققەت قىلسا، ئەمەلىيەتتە ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەس ئەمەس.

خاڭجۇدىكى 86 ياشلىق پېڭ بوۋايدا بۇ خىل راكقا ئۆزگىرىدىغان ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر كىچىك مونەك چىقىپ قالغانىدى، پېڭ بوۋاي ئەسلىدە ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئىزچىل پەرۋا قىلمىغان بولۇپ، ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، پېڭ بوۋاي بۇ ئىششىقنىڭ ئاستا-ئاستا يوغىناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، بىر قېتىم تاماق يېگەندىمۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنى چىشلەپ سالغان. بۇ قېتىم ئىششىقتىن قان چىققان بولۇپ، يەنە ئازراق ئاق داغ پەيدا بولغان، پېڭ بوۋاي يەنىلا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى دەپ قاراپ، پەرۋا قىلمىغان. ئەتىسى ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى دورىخانىغا بېرىپ ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى سېتىۋالغان بولۇپ، لېكىن ئون نەچچە كۈن يېگەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىل ئاغرىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، پېڭ بوۋاي ئامالسىز دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، يارىنىڭ تىل راكى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان. ئاخىرىدا، پېڭ بوۋاينىڭ تىلىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، دوختۇر يەنە پېڭ بوۋاينىڭ ئوڭ كۆكرىكىنىڭ چوڭ مۇسكۇلىدىن بىر پارچە گۆشنى كېسىپ، ئۇنىڭ كەمتۈك تىلىنى تولۇقلىغان.

ئەمەلىيەتتە تىل راكىدىن باشقا، بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقىدىكى جاراھەتلەرمۇ ئېغىز بوشلۇقى راكىنىڭ قوزغىلىش مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىلۆڭگەچ يارىسى، ئاشقازان يارىسى ۋە ئۈچەي يولى يارىسى خاراكتېرلىك قاناشنىڭ ھەممىسىدە راكقا ئۆزگىرىش خاھىشى بار ئىكەن. شۇڭا، بۇ سەزگۈر ئورۇنلاردا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يارا پەيدا بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا، ئۇنداقتا يۈكسەك ھوشيار بولۇش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، جاراھەتتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، ئاچچىق ۋە غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامال بار تاماكا تاشلاش ۋە ھاراققا چەك قويۇش كېرەك، پەقەت غىدىقلاش ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلىغاندىلا، يارىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى