تەبىئەت

قىش پەسلى

قەدىمكى ئىنسانلار بىر يىل ئىچىدىكى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى تۆت پەسىلگە بۆلگەن بولۇپ، قىش پەسلى تۆت پەسىلنىڭ تۆتىنچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىلادىيە كالىندارى بويىچە 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىش پەسلى ئالتە مەۋسۈمگە بۆلۈنىدۇ.

بىرىنچى مەۋسۈم: باش قىش. باش قىش 24 مەۋسۈمنىڭ ئىچىدىكى 19- مەۋسۈم بولۇپ، ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 7-ياكى 8- كۈنى باشلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئېپلىپتىكىسى 225 گىرادۇسقا يېتىدۇ.بۇ بىر يىل ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا ئەڭ جىددىي تۆۋەنلەيدىغان ئايدۇر. بۇ ئايدا سوغۇق ئېقىم كۈچىيىدۇ، يېغىن مىقدارى كۆپىيىدۇ. قار يېغىپ مۇز تۇتىدۇ. تېمپېراتۇرا 10- ئايدىكىدىن 8 ~ 11 قىچە تۆۋەنلەيدۇ. كىلىماتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10 تىن تۆۋەن بولسا قىش پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.

قەدىمكېلەر باش قىشنى ئۈچ ۋاقىتقا بۆلگەن:

بىرىنچىسى مۇز تۇتۇش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا توختام سۇلار نېپىز مۇز تۇتىدۇ.

ئىككىنچىسى يەر توڭلاش ۋاقتى بولۇپ، باش قىشنىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ھاۋا كۈندىن كۈنگە سوۋۇپ يەر توڭلاشقا باشلايدۇ.

ئۈچىنچىسى سۇ قۇشلىرىدىن باشقا قىرغاۋۇلمۇ دەريا–ئېقىنلاردىن ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ، باش قىشنىڭ 10- كۈنىدىن كېيىن باشلىنىدۇ.

ئىككىنچى مەۋسۈم: سېرىق قار. بۇ 24 مەۋسۈم ئىچىدىكى 20-مەۋسۈم بولۇپ، ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈن ياكى 23- كۈنلىرى باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئېپلىپتىكىسى 240 گىرادۇس بولىدۇ، يەتتىكەن يۇلتۇزى (چۆمۈچ يۇلتۇز) نىڭ دەستىسى غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە بولىدۇ. سېرىق قار ھاۋارايى ھادىسىسىدىكى ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەۋسۈم بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى بويىچە 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن باشلىنىدۇ. بۇ مەۋسۈمدە سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە يامغۇر قارغا ئايلىنىدۇ، ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ. ئەمما قېلىن قار ياغمايدۇ.

كونىلار سېرىق قار مەۋسۈمىنى ئۈچ ۋاقىتقا بۆلگەن. بىرىنچىسى، دەسلەپكى سېرىق قار ۋاقتى بولۇپ، ھەسەن – ھۈسەن كۆرۈنمەيدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئارىدىكى سېرىق قار ۋاقتى بولۇپ،تېمپېراتۇرا سەل ئۆرلەپ، بۇلۇتنىڭ رەڭگى كۈلرەڭگە ئۆزگىرىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، سوغۇق باشلىنىپ سىرتتا ئادەملەر شالاڭلايدىغان ۋاقىت.

ئۈچىنچى مەۋسۈم: قېلىن قار. بۇ، 24 مەۋسۈم ئىچىدىكى 21- مەۋسۈم بولۇپ، 12- ئاينىڭ 7- ياكى 8-كۈنى باشلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قۇياشئېپلىپتىكىسى 255 گىرادۇسقا يېتىدۇ.بۇ ئايدا يەر توڭلايدۇ، مۇز ئۈستىدە ماڭغىلى بولىدۇ. بوران ئاساسەن چىقمايدۇ. بۇ بىر يىل ئىچىدىكى كۈن ئەڭ قىسقا، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئەڭ تۆۋەن ئاي ھېسابلىنىدۇ.

كونىلار قېلىن قار مەۋسۈمىنىمۇ ئۈچ ۋاقىتقا بۆلگەن: بىرىنچىسى قۇشلارنىڭ سايرىشى ئاڭلانمايدىغان ۋاقىت؛ ئىككىنچىسى يولۋاسنىڭ جۈپلىشىش ۋاقتى بولۇپ، قاتتىق قار يېغىۋاتقان قېلىن ئورمانلىقتا يولۋاسلار جۆرە ئىزدەشكە باشلايدۇ؛ ئۈچىنچىسى كەترەن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك لىجى قار تېگىدە بىخلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ مەۋسۈمدە قار كۆپ ياغىدۇ، شىمالدىكى كىشىلەر ئات، كالا سويۇپ قىشلىق سوقۇم سويىدۇ.

تۆتىنچى مەۋسۈم: قارا قىش (قىشلىق كۈن توختىشى). بۇ 24 مەۋسۈم ئىچىدىكى 22- مەۋسۈم بولۇپ، 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئالدى – كەينىدە باشلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قۇياشئېپلىپتىكىسى 270 گىرادۇسقا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ شىمالىي يېرىم شاردا كۈندۈز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ ھەمدە بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىل باشلىنىدۇ.

كونىلار قارا قىش مەۋسۈمىنىمۇ ئۈچ ۋاقىتقا بۆلگەن. بىرىنچىسى يەر يولۋىسى __ سازاڭ تۈگۈلۈش ۋاقتى؛ ئىككىنچىسى بۇغىنىڭ مۈڭگۈز تاشلاش ۋاقتى؛ ئۈچىنچىسى، بۇلاق سۈيى توڭلاش ۋاقتىدىن ئىبارەت.

بەشىنچى مەۋسۈم: قارا سوغۇق. بۇ 24 مەۋسۈم ئىچىدىكى 23 – مەۋسۈم بولۇپ، 1- ئاينىڭ 6- كۈنى ئالدى – كەينىدە، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12- ئاينىڭ باشلىرىدا باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئېپلىپتىكىسى 285 گىرادۇسقا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ئىسمى – جىسمىغا لايىق سوغۇپ مەۋسۈم بولۇپ، خەلق ئىچىدە «دەلۋە – دىۋانە» دەپ ئاتىلىدۇ. يول-مەيدانلار، دەرەخ غولىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يۈزى بارماق توملۇقىدا يېرىلىپ كېتىدۇ، كېچىسى دەريادىكى مۇزنىڭ چاكىلداپ يېرىلغان ئاۋازىنى، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئايىغىدىن چىققان غاچىلدىغان ئاۋازنى يىراقتىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ياۋا سۇ قۇشلىرى مەھەللىلەرنىڭ يېنىدىكى بۇلاقلارغا كېلىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ. بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان «قىشلىق ئۈچىنچى چىللە» (سەنجيۇسەن) مۇشۇ ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. بۇ مەۋسۈمدە دەريا – كۆللەر قېلىن مۇز تۇتىدۇ، شۇڭا كونىلاردا «سەنجۇسەندە ئىتنىڭ قورسىقىدىكى بالىسى توڭلاپ قالىدۇ»، «بىرىنچى، ئىككىنچى جيۇ جيۇ ئەمەس، جيۇنىڭ يامىنى ئۈچىنچى، تۆتىنچىسى جيۇ» دېگەن گەپ بار.

كونىلار قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بۇ مەۋسۈمنىمۇ ئۈچ ۋاقىتقا بۆلۈنگەن: بىرىنچىسى ياۋا غازنىڭ شىمالغا كۆچۈش ۋاقتى؛ ئىككىنچىسى، سېغىزخاننىڭ چاڭگا تىزىش ۋاقتى؛ ئۈچىنچىسى، قىرغاۋۇل سايراشقا باشلايدىغان ۋاقىت.

ئالتىنچى مەۋسۈم: قاپاقياردى. بۇ 24 مەۋسۈم ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەۋسۈم بولۇپ، 1- ئاينىڭ 20- كۈنلىرى ئالدى كەينىدە باشلىنىدۇ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدۇ.، بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئېپلىپتىكىسى 300 گىرادۇسقا يېتىپ بارىدۇ.

كونىلار قاپاق ياردى مەۋسۈمىنىمۇ ئۈچ ۋاقىتقا بۆلگەن: بىرىنچىسى توخو كاكىلاشقا باشلىغان ۋاقىت؛ ئىككىنچىسى قۇشلارنىڭ ئاجىزلاش ۋاقتى؛ ئۈچىنچىسى، سازلىقلارنىڭ مۇزى قېلىنلاش ۋاقتى.

ئەلۋەتتە، قىش پەسلىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك دەرىجىسى ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمايدۇ.

«پەن – تېخنىكا گېزىتى» نىڭ 2020- يىل 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى سانىدا يېزىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە، 10 – ئايدا ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا، بولۇپمۇ ئىچكى موڭغۇل ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قار يېغىپ قىشلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئەھۋال ئىكەن. دۆلەت كىلىمات مەركىزى كىلىماتنى مۆلچەرلەش ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈەن يۈەننىڭ دېيىشىچە: كىلىمات جەھەتتە، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا يەر يۈزىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ مۇزلاش نۇقتىسىغا چۈشۈپ، تۇنجى قىرو ئۈششۈكى پەيدا بولىدىكەن، بۇ خىل تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانى ئاساسلىقى چوڭ ئۆلچەملىك ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمىنىڭ نورمالسىز تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل ھاۋا رايى ھادىسىسىنىڭ لانىنا ھادىسىسى بىلەن مۇقەررەر باغلىنىشى يوق ئىكەن. لېكىن قىش پەسلىدىكى ھاۋا رايىنىڭ قانداق بولۇشىنى لانىنا ھادىسىسدىن ئايرىپ قارىغىلىمۇ بولمايدىكەن.
لانىنا ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ھەمىشە «قاتتىق سوغۇق قىش» بولىدۇ. ئۇنداقتا، لانىنا ھادىسىسى دېگەن زادى نېمە؟
لانىنا ھادىسىسى ئېكۋاتور مەركىزى، شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەڭ دائىرىدە سوغۇق بولۇشىنى، ھەمدە ئۇنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى بەلگىلىك شەرتكە يەتكەن ھاۋارايى ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 8 – ئايدىن بۇيان، ئېكۋاتورنىڭ مەركىزىگە توغرا كېلىدىغان شەرقىي تىنچ ئوكيان لانىنا ھادىسىسى ھالىتىگە كىرگەن. دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ خىل ھالەت كۈز پەسلىدىمۇ داۋاملىشىپ، بۇ يىل قىشتا ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن، يەنى بۇ يىل قىشتا بىر قېتىملىق ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى لانىنا ھادىسىسى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
ئادەتتە، كۆپ ساندىكى لانىنا ھادىسىسى كۆرۈلگەن قىش پەسلىدە، ياۋروپا – ئاسىيا ئوتتۇرا كەڭلىكدىكى ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمىنىڭ يۆنىلىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ، ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ. 2000 – يىلىدىن بۇيان ئېلىمىزدە بەش قېتىم لانىنا ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، ئومۇمەن، قىش پەسلىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمى، شەرقىي شىمال رايونى، شىمالىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ℃1 -℃2 تۆۋەن بولغان، قىسمەن رايونلاردا ℃2تىن كۆپرەك تۆۋەن بولغان.
لېكىن، ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ھەر قېتىملىق لانىنا ھادىسىسىنىڭ تەسىرى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، ھەر قېتىم لانىنا ھادىسىسى كۆرۈلگەن يىلدىكى قىش پەسلىدە ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇۋېرىشىمۇ ناتايىن. يەر شارى ئىللىپ كېتىۋاتقان كىلىمات ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئېلىمىزنىڭ قىش پەسلىدىكى كىلىماتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز دېڭىزنىڭ ئېرىشى، ياۋروپا – ئاسىيادا ياغىدىغان قار قېلىنلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى شەرقىي ئاسىيانىڭ قىش پەسللىك شامال ئايلانما ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ قىش پەسلىدىكى كىلىماتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى