قار ھەققىدىكى سوغۇق بىلىملەر
ئەگەر قېلىن قار مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر «ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان، قاشتېشىدەك ئاپئاق» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن تەسۋىرلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىزدىن «قارنىڭ رەڭگى قانداق؟ ئېغىرلىقىچۇ؟» دەپ سورىسا جاۋاب بېرەلەمسىز؟
قار ياغقاندا بۇلۇتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكى تۇراقلىق بولمايدۇ، تېمپىراتۇرا ۋە نەملىكتە ئازراقلا ئۆزگىرىش بولسا قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ شەكلى ئوخشىمايدۇ.
بىز دائىم «يېنىك ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك»، «غاز پېيىدەك» دېگەن سۆزلەر بىلەن قار ئۇچقۇنلىرىنى سۈپەتلەيمىز. كىچىككىنە قار ئۇچقۇنلىرى نېمە ئۈچۈن ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى ئۆرۈۋېتەلەيدۇ؟ پارقىراق ۋە سۈزۈك قار ئۇچقۇنلىرى زادى قانچىلىك ئېغىر؟
قار ياغقاندا پۈتۈن دۇنيا نېمىشقا تىپتىنچ بولۇپ قالىدۇ؟
ھەر قېتىم قار ياغقاندا، كىشىلەر شاۋقۇنلۇق شەھەرنىڭ تۇيۇقسىز تىنچلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
بۇنىڭ خاتا تۇيغۇ ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ فىزىكىلىق سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ قار بىر قىسىم ئاۋاز دولقۇنلىرىنى سۈمۈرەلەيدۇ.
گەرچە قارنىڭ يېغىشى يول يۈرۈشكە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزگە يەنە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ.