بوۋىقىڭىزدا بۇ ئالامەتلەر بارمۇ، دەرھال كۆرۈڭ!

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ نۆل ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان مەزگىلدىكى كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي كۆزۈتۈشكە سەل قارايدۇ. بالا ئىككى-ئۈچ ياشقا كىرىپ روشەن بىنورمال ئەھۋاللار بايقالغاندا ئاندىن داۋالىتىشقا كىرىشىدىيۇ ئەپسۇس بالىلارنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
ئۇنداقتا، بالىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش ياكى بىنورمال يېتىلىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا ئادەتتە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
مۇتەخەسسىس جاڭ پېي بۇ ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشىچە ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدىكەن:
بالا ئۈچ ئايلىق بولغاندا: باشقىلار قىزىقچىلىق قىلغاندا بالا ئۈندىمەسلىك ياكى كۈلۈمسىرەشنى بىلمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكېلىپ قارىماسلىق، ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئادەم ياكى نەرسىگە تىكېلىپ قارىماسلىق؛
ئالتە ئايلىق بولغاندا: تاۋۇش چىقىرىشى ئاز بولۇش، كۈلۈشنى بىلمەسلىك، نەرسىلەرنى قولىنى سوزۇپ تۇتالماسلىق، قولىنى چىڭ تۈگۈۋېلىپ بوشاتماسلىق، يۆلەپ ئولتۇرغۇزسا ئولتۇرالماسلىق.
سەككىز ئايلىق بولغاندا: ئاۋاز چىقسا ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك، ناتونۇش ئادەملەرنى پەرقلەندۈرەلمەسلىك، ئويۇنچۇقلارنى ئىككى قوللاپ سۇنۇپ بېرەلمەسلىك، بىر نەرسىگە تايانمىغان ئاساستا مۇستەقىل ئولتۇرالماسلىق.
12 ئايلىق بولغاندا: ئىسمىنى چاقىرسا ئىنكاس قايتۇرماسلىق، «خوشلىشىش» ياكى «قارشى ئېلىش» ھەرىكەتلىرىنى دورىماسلىق، نەرسىلەرگە تايىنىپمۇ ئۆرە تۇرالماسلىق.
18 ئايلىق بولغاندا: «دادا»، «ئاپا» دېمەسلىك، قولىنى چىقىرىپ ئادەم ياكى نەرسىلەرنى كۆرسەتمەسلىك، مۇستەقىل ھالدا ماڭالماسلىق.
ئىككى ياش: نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلمەسلىك، ئاتا-ئانىلار ئاددىي ئىشلارغا بۇيرىسىمۇ قىلالماسلىق، قوشۇق بىلەن تاماق يېيەلمەسلىك، پەلەمپەيگە تۇتقۇچقا تايىنىپ تۇرۇپ چىقالماسلىق.
ئىككى يېرىم ياش: ئىككىدىن-ئۈچكىچە سۆزلۈكتىن تۈزۈلگەن قىسقا جۈملىلەرنى دېيەلمەسلىك، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق.
ئۈچ ياش: ئۆز ئىسمىنى دېيەلمەسلىك، «تال-چىۋىقنى ئات قىلىش» قاتارلىق ئويۇنلارنىمۇ ئوينىيالماسلىق، ئاددىي شەكىللەرنى دوراپ سىزالماسلىق ئىككى پۇتلاپ سەكرىيەلمەسلىك.
تۆت ياش: سۈپەت سۆزى بار جۈملىلەرنى سۆزلىيەلمەسلىك، تەلەپ بويىچە ئالمىشىپ ئويناش قائىدىسىنى ئاڭقىرالماسلىق، كىيىم-كىچەكلىرىنى مۇستەقىل كىيەلمەسلىك.
بەش ياش: كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ئاددىي ئىشلارنىمۇ ئاددىي تىلدا بايان قىلىپ بېرەلمەسلىك، ئۆزىنىڭ جىنس ئايرىمىسىنى بىلمەسلىك، چوكا بىلەن تاماق يېيەلمەسلىك.
ئەگەر بالىلاردا يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن غەيرى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاتا-ئانىلار ياكى مەسئۇل ھامىيلىرى چوقۇم بالىنى تېزدىن مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
سوخۇ تورى يازمىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى