ساغلاملىق

قىشتا بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسىڭىز ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن!

قىش پەسلى يېتىپ كەلدى، نۇرغۇن دوستلار ئورۇقلاش پىلانىنى باشلىۋەتتى، باھار پەسلىدە قىشلىق كىيىم-كېچەكلەرنى سېلىشتىن بۇرۇن بەدىنىمىزدىكى «ئارتۇق گۆش-ياغ»نى يوقىتىۋېتىشىمىز كېرەك. لېكىن، قىش پەسلىدە كىلىمات ئالاھىدىرەك بولىدۇ، ئەگەر چېنىقىشىمىز مۇۋاپىق بولمىسا، ئەكسىچە سالامەتلىكىمىزگە زىيان يېتىشى، ھەتتا ھاياتىمىزغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن!

قىش پەسلىدە چېنىقىشتا، تۆۋەندىكى كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. ئىلگىرى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلار.

2. زۇكام بولۇپ قالغانلار. زۇكام ۋىرۇسى يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنداق چاغدا چېنىققاندا ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك رىتىمسىزلىقى ياكى يۈرەك زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

3. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ياكى يۈرەك سوقۇشى رىتىمسىز كىشىلەر.

نورمىدىن ئارتۇق ھەرىكەت ئاسانلا قان بېسىمىنىڭ جىددىي ئۆرلىشى ياكى يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. دىيابېت كېسىلى بارلار. بۇ خىل بىمارلار چېنىقسا، نورمىدىن ئارتۇق ھەرىكەت قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. مېتابولىزم توسالغۇسى بار سېمىز كىشىلەر.

6. سىستېمىلىق مەشىق تەربىيەسى كۆرمىگەن ۋە ئادەتتە بەدەن ساپاسى بىر قەدەر ناچار كىشىلەر.

زىيادە كۆپ ھەرىكەت يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

7. بالىلار ۋە يېشى بەك چوڭ ياشانغانلار.

قىشلىق تەنھەرىكەتتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1. قىش پەسلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشتا، ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللاش كېرەك.

قىش پەسلىدە بەدەن چېنىقتۇرغاندا، ھەرىكەت دائىرىسى بىر قەدەر كىچىك، ئىسسىقلىق سەرپىياتى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللاش كېرەك. ياشلار يۈگۈرۈش قاتارلىق ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى يۇقىرى سىجىللىقتا ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ بولىدۇ، چېنىقىش ۋاقتى ئەتىياز، ياز پەسلىدىكىدىن 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە كۆپ بولۇشى كېرەك. ئوتتۇرا ياشلىقلار تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، پەلەمپەيدىن چىقىش قاتارلىق سىجىللىقى تۆۋەنرەك ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ.

2. قىش پەسىللىك چېنىقىشتا بەك سەھەر تۇرماسلىق كېرەك.

قىش پەسلىدە بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى بەك سەھەر تۇرۇۋالماسلىق كېرەك. ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى قىش پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىش كۈن چىققاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتى سائەت 14 تىن 19 غىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى، جىسمانىي كۈچى بىر قەدەر تولۇق بولۇپ، ھەرىكەت ھالىتىگە ئاسانلا ماسلىشالايدۇ، ئاسان زەخىملەنمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى چېنىقىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى زور.

3. ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىش ئىنتايىن مۇھىم

سىرتتا چېنىقىشتا، ئالدى بىلەن بەدەننى تولۇق قىزىتىش كېرەك، ئاستا يۈگۈرۈش، ئەسۋابسىز ۋە يېنىك ئەسۋابلار بىلەن ئاز مىقداردا مەشىق قىلىش ئارقىلىق بەدەننى قىزىتىپ، ئازراق تەرلىگەندىن كېيىن، ئاندىن بىر قەدەر كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەن قىزىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى 25~ 15مىنۇت ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك.

4. قىش پەسلىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاش كېرەك

بالاغەتكە يېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە: رادىيو گىمناستىكىسى، ئارغامچا سەكرەش، تەپكۈچ تېپىش، تىكتاك توپ ئويناش قاتارلىق ئورگانىزمنىڭ سەزگۈرلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئەۋرىشىملېكىنى چېنىقتۇرۇشنى ئاساس قىلغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاش مۇۋاپىق.

بالاغەتكە يېتىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە: قىسقا ئارىلىققا تېز يۈگۈرۈش، سۈرئەت ئۆزگەرتىپ يۈگۈرۈش، پەي توپ ئويناش قاتارلىق تېزلىكنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاش مۇۋاپىق.

بالاغەتكە يېتىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە: ئوتتۇرا ئارىلىق ۋە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، تاغقا چىقىش، سۇ ئۈزۈش، پۇتبول، ۋالىبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق تېزلىك، چىدامچانلىق ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدىغان مەشىق تۈرلىرىنى تاللاش مۇۋاپىق.

ئوتتۇرا ياشلىقلار: ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى، كىچىك توپ تۈرى قاتارلىق ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاش مۇۋاپىق.

ياشانغانلار: ئاستا مېڭىش، تانسا، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللاش مۇۋاپىق.

سېمىزلەر: ئوتتۇرا ھال سىجىللىقتىكى، بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك، كۈچ ھەرىكىتى ۋە توپ تۈرىدىكى ھەرىكەتلەرنى قوشۇمچە قىلسا تېخىمۇ ياخشى. يەككە تۈردىكى ھەرىكەتنى ئېلىپ ئېيتساق، سۇدا ھەرىكەت قىلىش (سۇدا مېڭىش، سۇدا يۈگۈرۈش، سۇدا سەكرەش، سۇدا توپ ئويناش قاتارلىقلار) ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

5. بىخەتەر سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىش كېرەك

ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل: يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەت سىجىللىقىنى كونترول قىلىش. ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك رىتىمى تۆۋەندىكىدەك مۇۋاپىق يۈرەك رىتىمى ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆرۈنەرلىك بىئاراملىق كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھەرىكەتنىڭ سىجىللىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغان بىخەتەر سىجىللىق ھېسابلىنىدۇ.

مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەڭ يۇقىرى يۈرەك رىتىمى 220دىن ياشنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلىدۇ.

ھەرىكەت قىلغاندىكى مۇۋاپىق يۈرەك رىتىمى: ساغلام چوڭلار ئەڭ يۇقىرى يۈرەك رىتىمىنىڭ %60تىن %85كىچە بولغان ھەرىكەت سىجىللىقى بويىچە چېنىقسا، ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

مەسىلەن، 20 ياشلىق بىر ياشنىڭ ھەرىكەت قىلغاندىكى ئەڭ يۇقىرى يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 200= 20-220 قېتىم بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ماس كېلىدىغان يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 120= %60×200 قېتىم بولىدۇ (ئەڭ كۆپ بولغاندا مىنۇتىغا 170 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك). چېنىقىشنى ئەمدىلا باشلىغاندا بىر قەدەر تۆۋەن يۈرەك رىتىمى سەۋىيەسىدىكى ھەرىكەتتىن باشلاش كېرەك، ئەگەر بىئارام بولمىسا يەنە تەدرىجىي ھالدا يۈرەك رىتىمىغا ماس كېلىدىغان بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىش كېرەك. 

6.مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋاقتىنى تاللاش كېرەك

ياشلار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەتىگەنلىك چېنىقىش مۇۋاپىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ياشانغانلار، بولۇپمۇ نەپەس يولى كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن ئەتىگەنلىك چېنىقىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس.

چۈنكى ئەتىگەندە كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى ۋە يۈرەك رىتىمى تەدرىجىي ئۆرلەش، تېزلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە بۇ ۋاقىتتا چېنىقىش ئانچە ماس كەلمەيدۇ، كەچقۇرۇن بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت قىلىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. كۈندۈزى بەدەننى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەچقۇرۇن ھەرىكەت قىلغاندا خەتەر يۈز بېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ھەرىكەت تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بولىدۇ.

ھەربىر ئادەمنىڭ ھەرىكەت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ياش، ھەرىكەت سىجىللىقى، ھەرىكەت مەقسىتى قاتارلىقلار ئاساسىدا ئويلىشىش كېرەك. ئادەتتە، ھەر كۈنى بەش مىنۇتتىن ئاز چېنىقىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، بىر سائەتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىش ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ياكى تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىدىن باشقىلارغا نىسبەتەن زىيادە كۆپ بولۇپ، بۇ ياشتىكېلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۈندە 30 مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.

ھەرىكەت قېتىم سانىغا كەلسەك، ياش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق تاللاش كېرەك، كۈن ئاتلاپ، يەنى بىر ھەپتىدە ئۈچ كۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى